ئۇيغۇر ئىلىدا يېڭى يىلدىن بېرى ئېغىر خىزمەت بېسىمىدا چارچاپ ئۆلگەن ساقچى، تەپتىش ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ سانى 7 گە يېتىپ باردى. ئەمما بۇ ئەھۋال خوتەن سىماۋات ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى مەتتوختىغا ئوخشاش چارچاشتىن يىقىلىپ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە ساقچى ۋە قانۇن خادىملىرىنىڭ چارچاپ ئۆلۈش ياكى يىقىلىپ قېلىش ۋەقەلىرى بورتالا، قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن. بۇ رايونلارنىڭ ئىچىدە خوتەن ساقچىلارنىڭ چارچاپ ئۆلۈش ۋەقەسى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يۇرت. خوتەندىكى مەلۇم ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى بۇ ئەھۋالنى خىزمەت بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ساقچى: 1 خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغىنى خوتەن ناھىيەسى خانئېرىق يېزىسىدىكى ساقچى.
مۇخبىر: ئەمدى ماۋۇ يېقىننىڭ ياغى بۇ ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ خوتەندە يۈز بەردى. ساقچى خادىملىرى تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. خىزمەتتىكى بېسىم بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتامدۇ ياكى باشقا بىر سەۋەبلەر بارمۇ بۇنىڭدا؟
ساقچى: 1 خىزمەتنىڭ بېسىمى، ئەمدى شۇ توغرا. خىزمەتتىمۇ ماۋۇ تاماقمۇ دىيەنچىدىكى يېتەرلىك ئەمەس دەڭە. تاماقنى ۋاقتىدا قىلالمايدىغان ئەھۋال بار. مۇشۇ قېتىم ئاشۇنداق بولۇپ كەتتۇق.
مۇخبىر: نورمالدا قايسى سائەت ئىشلەيسىلەر؟
ساقچى: 1 ئادەتتە دەم ئېلىش يوق. نورمال ئەھۋالدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرىمىز ئەينا. رەسمىي كادىرلار ئىشخانىدا جىزا (كومپيۇتېر) بېسىم دېگەندەك ئىشلارنى قىلىدۇ. مەنمۇ نۆۋەتلىكتە تۇرىدىغان ياردەمچى ساقچى. نورمال ئىشلىسەم مەنمۇ شۇ، ھازىر بىز تېخى ياتمىدۇق، تېخى دەم ئېلىش قىلمىدۇق. ھازىر مۇشۇ ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى تۇرىدۇ، يېنىمىزدا بىللە بار. سىياسىي يېتەكچى بىلەن بىر سۆزلىشىپ باقامسىز؟
شۇنداق قىلىپ مەزكۇر ياردەمچى ساقچى تېلېفوننى ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسىگە بەردى. لېكىن سىياسىي يېتەكچى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز، خوتەندىكى باشقا بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى، خىزمەت بېسىمىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خوتەندە ساقچىلار كۈندە 20-21 سائەت ئىشلەيدىكەن.
ئۇ، يېقىندا ئۆلگەن ساقچىنىڭ ئىسمى سەمەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ مۇنداق دېدى: «سەمەت، ھەئە. بۇنىڭغا سوجاڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشسىڭىز بوپتىكەن. لېكىن سوجاڭ ۋەزىپىگە چىقىپ كەتتى.»
مۇخبىر: بۇ ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن ساقچى سىستېمىسىدا ساقچىلار تۇيۇقسىز خىزمەت ئۈستىدە ئۆلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر ئالاھىدە سەۋەبى بارمۇ، نېمە سەۋەبلىك شۇنداق بولۇۋاتقاندۇ؟
ساقچى: 2 ئالاھىدە سەۋەبى بار. بۇ ھازىر مۇشۇ يىجى شياڭيىڭ (جىددىي ھالەت) دەپ، 24 سائەتنىڭ ئىچىدە 2-3 سائەت دەم ئېلىۋاتىمىز. باشقا ۋاقىتلاردا داۋاملىق خىزمەت قىلىمىز ھازىر. جىنايى ئىشلار، خەلق ساقچىسى، ياردەمچى ساقچى، ئالاھىدە ساقچى ھەممىسىگە 24 سائەت ئىچىدە شۇ 2-3 سائەت ئۇخلايدىغان ۋاقىت چىقىدۇ. قالغان ۋاقىتتا داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيمىز. يەنى بىر كۈندە 20-21 سائەت ئىشلەيمىز.
مۇخبىر: بۇ جىددىيچىلىك ئەمدى مۇشۇ ھازىرقى ئۇرۇش سەۋەبىدىن بولۇۋاتامدۇ؟
ساقچى: 2 ھەئە. بۇنىڭغا قارىتا ئىچكى ئەھۋاللارنى ئۇقماقچى بولسىڭىز، سوجاڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بىزنىڭ نورمال خىزمەت ۋاقتىمىز 8 سائەت ئەمەس. يىجى شياڭيىڭ (1-دەرىجىلىك جىددىي ھالەت) ئەرجىشياڭيىڭ (2-دەرىجىلىك جىددىي ھالەت) دەپ، مۇشۇ جەمئىيەت ئەھۋالىغا قاراپ، مۇقىم دەم ئېلىش يوق، دەڭە.
مۇخبىر: مۇقىم دەم ئېلىشىڭلار يوقما، پۈتۈن بىر يىل؟ بۇنى كوللېكتىپ يۇقىرىغا پىكىر قىلىپ باقمىدىڭلارمۇ، بۇ بىزگە بېسىم بەك جىق بولۇپ كېتىپ بارىدۇ، دەپ؟
ساقچى:2 ياق، مۇقىم دەم ئېلىشىمىز يوق. بۇ ئىچكى ئەھۋاللارنى، شۇ بىزنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمىز، ئاشۇ سوجاڭ، سىياسىي يېتەكچىلەر بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ ياكى ئىدارە بىلەن ئالاقىلىشىۋالامسىز؟
ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ئەھۋال چەتئەل ئاخباراتى ۋە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىنورمال ئامانلىق تەدبىرلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بىز 2009-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ياكى شىنجاڭدا ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسىغا قارشى بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كەلدۇق. شۇڭا، ئۇنىڭ ھەربىي باشقۇرۇشنى ئىزچىل كۈچەيتىپ كەلدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭدا كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىچكىرىدىن نۇرغۇن قوراللىق ساقچى، ج خ خادىملىرىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نامىدا يۆتكەپ چىقتى. نەتىجىدە، ئۇ پەيدا قىلغان بۇ تەپرىقە ئۆزىنىڭ ئامانلىق كۈچلىرىنى ھاردۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چارچاپ ئۆلۈش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى.»
پروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشىغا كونكرېت بىر قانچە ئامىل تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ، جىسمانىي چارچاش بىلەن بىرگە، روھىي ئەندىشە ئۇلارنى خورىتىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.
شيامىڭ: «خەنزۇلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ زىددىيىتى ناھايىتى ئېغىر. بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ قوراللىق ساقچى، ساقچى ۋە ھەربىيلەر يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كۆڭلىدە نەپرەتلىنىش ئوبيېكتى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرگىز ئۇنداق ئىناق، قايناق مۇناسىۋەت ئەمەس. شۇڭا، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە جىددىي ھالەتتە ياشايدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئەھۋال قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ياكى ساقچىلاردا پەيدا قىلغان روھىي بېسىمى ئۇلاردا ناھايىتى ئاسانلا ھەر خىل جىسمانىي، روھىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.
ئەمما شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ بېسىمدا ساقچىلار بۇنچىلىك ئۆلۈپ كېتىپ بارغان بولسا، خىتاي پەيدا قىلغان دۆلەت تېررورلۇقىدا قانچىلىك پۇقرا ئۆلۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنى بولىدۇ.
شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇلار بىيۇكرات سىستېمىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتىدە بۇنچىلىك بېسىمغا ئۇچرىغان بولسا، بىز شۇ نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، مەن ئۇلارنىڭ قورقۇتۇشىدا ۋە دۆلەت تېررورلۇقىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلاردىن ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى، بىز قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ دائىم قالايمىقان ئوق چىقىرىپ، قالايمىقان ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا، بىز مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ ئۆلۈشى، يەنە بىر جەھەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ۋەھىمە ئېغىرلىشىپ، ئۇلاردا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلۈۋاتىدۇ، دېگەنلىكتۇر.»
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، خوتەن ناھىيەسى خانئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى سەمەت، گۇما ناھىيەسى ئالاھىدە چارلاش ئەترىتىنىڭ ساقچىسى يۈسۈپ قۇربان نىياز، يوپۇرغا ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى ئابلىكىم قاتارلىقلار يېقىندا چارچاش سەۋەبلىك ئۆلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment