شىۋېتسىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈۋاتقان ئۆسمۇرلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنىڭ قىزىقىشىغا قارىتا ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئىگىلەشكە شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى بويىچە تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتىن سىرت يەنە، ھەر خىل ساھەرلەردە قىزىقىشى بويىچە تەربىيىلىنىشىگىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە.
شىۋېتسىيەنىڭ يوتۇبورى شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ يىل 10ياشقا كىرگەن ئابدۇرىشىت ئەنۋەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن بوكس كەسپىدە تەربىيىلەنمەكتە.
ئۇ، سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ بوكس ماھىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۈسى بارلىقىنى بايان قىلدى.
ئاسىيا رادىئوسى ئىختىيارىي مۇخبىرى ئابدۇرىشىتنىڭ دادىسى ئەنۋەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئەنۋەر ئەپەندى ئوغلىنىڭ بۇ كەسپنى ئۆزىنىڭ تاللىغانلىقىنى ھەمدە تەربىيىلىنىش داۋامىدا ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئابدۇرىشىتنىڭ بوكستا يوشۇرۇن تالانتى بارلىقىنى سەزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، شىۋېتسىيەدىكى ئاسىيا رادىئوسى ئىختىيارىي مۇخبىرى ئېھساننىڭ ئەنۋەر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment