ئىستانبۇلدا تۈنۈگۈن كېچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىگە قارىغاندا: ئالدى بىلەن ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدىن كېيىن زوراۋان خالتا كوچىلارغا قاراپ قاچقان.
ئارقىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
ئېتىلغان ئوق بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ تاملىرىغا تەگكەن. پارتىلاش يۈز بەرمىگەن. ھۇجۇم يۈز بەرگەندە سەھىيە كومىتېتى يىغىن ئېچىۋاتاتقان ئىكەن.
ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلگەن.
ھۇجۇمدىن كېيىن كۆپ ساندىكى پارتىيە مەنسۇپلىرى بىناغا كەلگەن.جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر يىلدىرىم مەسئۇللاردىن ھۇجۇم توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىگىلىگەن ھەمدە تەزىيە بىلدۈرگەن.
دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق زوراۋانلارنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.
Leave a Comment