ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداپ قېلىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار باش قاتۇرىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى. بۇ مەقسەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئېچىلماقتا. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولغان تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھرىدىكى ئەخمەت يەسەۋى تۈركىستان مەھەللىسىدە يەنە بىر ئۇيغۇر مەكتىپى ئېچىلدى.
2006-يىلى قۇرۇلغان «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئېچىلغان ئابدۇمېجىت ئاۋشار كۈلتۈر مەركىزى نامىدىكى مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەسئۇللىرى، قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار، ھەر قايسى ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە گېزىت، تېلېۋىزيە مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئېچىلىش مۇراسىمى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەمئىيەت رەئىسى ئەركىنبەگ ئۇيغۇرتۈرك ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەركىنبەگ ئۇيغۇرتۈرك ئەپەندى يېڭى ئېچىلغان بۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدە 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىلىدىغانلىقى، ياشلارغا دەرس تەكرارلىتىلىدىغانلىقى، ئاياللارغا بولسا قول ھۈنەرۋەنلىك سەنئەتلىرىنىڭ ئۆگىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلارجەمئىيىتى» باش كاتىپى خالمۇرات سۈيدۈنلۈ ئەپەندى يېڭى ئېچىلغان بۇ مەكتەپتە پەقەت ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىلىپلا قالماستىن تۈرك بالىلارغىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار 1964-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 3-ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا باشلىغان. ئەركىنبەگ ئۇيغۇرتۈرك ئەپەندى بۇ مەكتەپنى ئېچىشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خالمۇرات سۈيدۈنلۈ ئەپەندى«مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى»نىڭ 2006-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتلەردىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋا پائالىيەتچىسى تەربىيىلەش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
قەيسەرى ئەخمەت يەسېۋى تۈركىستان مەھەللىسىدە ئېچىلغان مەكتەپكە 2013-يىلى 44 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ژۇرنالىست ئابدۇمېجىت ئاۋشارنىڭ ئىسمى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرھۇمنىڭ ئايىلى گۈلشاھ ئاۋشار خانىم، يولدىشىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ پىكرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن مەكتەپكە يولدىشىنىڭ ئىسمىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
قەيسەرىگە 1964 يىلى 130 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى ئافغانىستان ئارقىلىق كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان، 2008-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر تىلى كۇرسى ئېچىپ تەتىللەردە ئۇيغۇر بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىپ كەلمەكتە. 2006-يىلى بۇ مەھەللىدىكى يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمىيىتى»نى قۇرۇپ، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئاچقان.
2014-2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى قوشقاندا ھازىر 3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قەيسەرى شەھىرىدە ياشىماقتا. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسيا رادىئوسى
Leave a Comment