يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى نىشانلىق تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپەيگەن. ئەمما، رادىيومىزغا ئىنكاس يوللىغان قارىمايدىكى ئاتا، ئانىلار ئىككى يىلدىن بۇيان قارىمايدا يېڭىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قارىمايدىكى ئىشسىز ياشلارنىڭ سانى 8000 دىن ئاشقانلىقىنى، نېفىت شەھىرى قارىمايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىقى ئاتا، ئانىلارنى غەمگە مۇپتىلا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشخانىسى 7-يانۋار ئۈرۈمچىدە ئاچقان يىغىنىدا، بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىدىغان 84 مىڭ ئەتراپىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى 85% كە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جەنۇبىي رايونغا يۈزلەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشلەش ياكى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە قايتا تەربىيىلەشكە ئەۋەتىش، قورغاس ئىقتىساد رايونى قاتارلىق جايلاردا تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ نىسبىتى ئاشكارىلانمىغان.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت شەھىرى قارىمايدىلا 2014-يىلىغىچە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ 6000 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ۋە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان قارىمايدا يېڭىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قارىمايدىكى ئىشسىز ياشلارنىڭ سانى 8000 دىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق ۋە ئاۋازىنى بەرمەسلىك شەرتى بىلەن قارىمايدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى، قارىمايدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خادىم ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلار ساقچى، ياردەمچى ساقچى، مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىسى نامىدىكى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا زور تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يەنىلا ئىشسىز ئىكەنلىكىنى، بۇلتۇر قارىماي ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ سىرتقا يېپىق ھالەتتە ئېچىلغان يىللىق دوكلات يىغىنىدا، قارىمايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىدىنلا ئىشسىز ياشلارنىڭ 8500 دىن ئاشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشنى تېزلەشتۈرگەن. رايوندا نېفىت، كانچىلىق، كۆمۈر ئېنېرگىيىسى، خىمىيىۋى سانائەت شىركەت، زاۋۇت-كارخانىلىرىنى كۆپلەپ قۇرغان. خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا يېڭىدىن ئېچىلغان كان، شىركەتلەرنىڭ رايوندىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن.
ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتا ئانىلار، قارىماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ياردەمچى ساقچى ياكى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا بېرىپ كەنت كادىرى بولۇش، رېستوران -ئاشخانىلاردا كۈتكۈچى، ئائىلە خىزمەتچىسى قاتارلىق ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نېفىت شەھىرى قارىمايدىكى نېفىت زاۋۇتلىرىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-يىلى ۋە 2014-يىلى ياز پەسلىدە قارىمايدىن 10 نەچچە نەپەر ئاتا-ئانا خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا قەدەر بېرىپ، 2000-يىلدىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىپ ئىشسىز تۇرۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلاردىن دىلبەر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدا ئەرز قىلىپ بارغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ خىزمەت مەسىلىسى يەنىلا ھەل بولمىغانلىقى ئاتا-ئانىلارغا ئېغىر روھى بېسىم ۋە غەم بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قارىمايلىق ئانىلاردىن ئامىنە خانىم يەنە، ئىلگىرى قارىمايدا، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ياشلارنىڭ نېفىت ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن باشقا، قارىمايدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئەسلىدىكى مىللىي مەكتەپلەر «قوش تىللىق مەكتەپلەر» گە ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەتلىرىگىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن«شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەنلەر ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاتالمىش قوش تىللىق مەكتەپلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017-يىلى يېڭى يىلدىن كېيىنكى بىر باياناتىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى نىشان قىلغان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قۇرۇلىدىغان قوش تىل يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى سەپلەش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ خەلق تورىنىڭ 19-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە 4387 يېزا قوش تىل يەسلىسىنى يېڭىدىن ۋە كېڭەيتىپ سېلىپ، 13-بەش يىللىق پىلان نىشانىنى ئالدىن تاماملاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ۋە يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى سەپلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پراكتىكا قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنى ھازىرقى بار بولغان 12 مىڭدىن 20 مىڭغا كېڭەيتىلىدىغانلىقى، پراكتىكا قىلىۋاتقان ستۇدېنتلار تەركىبىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن «شىنجاڭغا ياردەم» خىزمىتىنى قىلىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم ستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى مەكتەپلەرنى نىشان قىلىپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىپلا قالماستىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن يىللاردىن بۇيان قاتتىق تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردا بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مول تەبىئىي بايلىقلارنى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە توشۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىمايدەك نېفىت شەھىرىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىشىنىڭ، دائىرىلەرنىڭ بۇ يەرنىڭ ئەسلى نوپۇسى بولغان ئۇيغۇرلارنى رايوندىكى بارلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇستەملىكە تۈسىنى ئالغان بۇ خىل تەڭسىز مىللىي سىياسەتنىڭ بىرقانچە يىلدىن بۇيان رايوندا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، رايوندا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكىدەك ئومۇمىي خەلق نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
مەنبە: ئەركىن ئاسيا رادىئوسى
Leave a Comment