خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ئېيتقانلىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

يېقىندا ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا بىر قىسىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دارۋاز ئادىل ھوشۇر بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆتكەن يىلى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش سىياسىتى باھانىسى بىلەن قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم ناھىيەلەردە مەسچىتلەرنى چاققانلىقى توغرىسىدا سورالغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە توختالغان، ھازىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىشى ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋرەنمەس ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى سۇندۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسىتى دەپ باھا بەردى.

ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن خىتاينىڭ مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىك ھەرىكىتىدىن ئىبارەتلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويغان قوشماق تۇغقان بولۇش سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۈستىدە توختالدى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن خىتاينىڭ قوشماق تۇغقان بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تىزلەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى دەپ بىلدۈردى.

خىتاينىڭ قوشماق تۇغقان بولۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالغان ئۈمىد ئاگاھىي تارىختىن بۇيان دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان ئىككى مىللەت دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى ھۆكۈم سۈرگەن ۋە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان پارتكوم سېكرېتارلىرىدىن ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشەن ۋە يېڭى سېكرېتار چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ھەققىدە سورالغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە ۋە خىزمەتلىرىگە يۇرقىرى باھا بېرىپ ئۆتتى.

بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىي ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 8-يانۋار ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دارۋاز ئادىل ھوشۇر يىغىندا جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا بەزى بىر تەكلىپ ۋە لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*