ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى ئەلدىنقى قېتىملىق بىر پروگراممىمىزدا خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن جەنۇبتىكى بىر ۋىلايەتكە بىر يىللىق خىزمەتكە چۈشكەن ئۇيغۇر كادىرى غىياسىدىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىر يىللىق يېزا خىزمەت ھاياتىدىكى كەچمىشى ۋە تەسىراتلىرىنى بايان قىلغۇزۇپ، ئېلان قىلغان ئىدى.
شۇ قېتىمقى زىيارەتتە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ؟ قانداق مەسىلىلەرنى بايقىدى؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش مەقسەت قىلىنغان.
بۇ قېتىم غىياسىدىن بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ داۋامى ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان غىياسىدىن ئەپەندى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بەزى رايونلىرىدا «دىنىي باستۇرۇش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، خەلق قورقۇپ، ئۆيىدىكى مۇقەددەس دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.
يۇقىرقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى ئەركىننىڭ غىياسىدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىيالايسىلەر.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment