26-يانۋار ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئادىلايت شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە مەزكۇر شەھەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر كوللېكتىپ ھالدا قاتناشقان.
ئادىلايت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىر ئاپتوموبىلنى رەڭدار ئەتلەسلەر بىلەن مەخسۇس بىزەپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كېيىشىپ، مەردانە ۋە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، رەئىس سەھنىسىدىن ئۆتكەندە مەزكۇر پاراتنى تاماشا قىلىۋاتقان يۈز مىڭدىن ئوشۇق كىشى ئۇيغۇر پاراتچىلىرىنى قىزغىن ئالقىشلىغان.
پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە باشلىنىپ كەچ سائەت يەتتىدە ئاخىرلاشقان.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ۋە باشقا پاراتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بارغا. مەزمۇنىنى يۇقىرقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىيالايسىز.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment