پاكىستاندا چاغانغا قاتناشقان ئۇيغۇر: «ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ تەقەززاسىدىن شۇنداق قىلىۋاتىمەن»

مەلۇم بولۇشىچە، 24-يانىۋار پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن چاغان پائالىيىتىگە، پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى گېلگىت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆمەرجان مۇھەممەتتۇرسۇن بولۇپ، ئۇ خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان يېڭى يىللىق پائالىيىتىدە تارتقان رەسىم ۋە ۋىيدىئولارنى ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە ئورتاقلاشقان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئۆمەرجان مۇھەممەتتۇرسۇن ئۆزىنىڭ بىر تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتايلارنىڭ بىلەن دوستلۇق باردى-كېلىشتە بولۇۋاتقانلىقىنى؛ بۇ قىلمىشىنىڭ 85 پىرسەنت ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ تەقەززاسىدىن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستاندا ياشاۋاتقان، ئەھۋالدىن خەۋەردار يەنە بىر ئۇيغۇر، مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئابدۇقېيۇم شەمسىدىن ئەپەندى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىنى مىللىي كىملىكىنى ئۇنۇتقان «ماڭقۇرۇت» لارنىڭ ئورتاق ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*