چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى كادىرلارنىڭ ئىدىيىسى پارتىيە بىلەن بىردەك ئەمەس، دەپ جىددىيلەشمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ نۆۋەتتە ھەر قېتىملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، كادىرلارنىڭ ئىستىل مەسىلىسىنى قاتتىق تەكىتلەپ، بىر قىسىم كادىرلارنىڭ ئىدىيىسى پارتىيە بىلەن بىردەك بولمايۋاتىدۇ، دېگەننى تەكرارلىشى دىققەت قوزغىماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا رايوندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ۋە جىددىي ھالەتنىڭ خىتاي كادىرلارنىمۇ بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ھېچكىمگە خاتىرجەملىك ئەپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشلىقلىرى نەگىلا بارسا، قايسى يىغىندا سۆزلىسە كادىرلارنىڭ ئىستىلى مەسىلىسىنى قاتتىق تەكىتلەۋاتىدۇ. ئۇلار سۆزىدە كادىرلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ پارتىيە بىلەن بىردەك بولۇشى، ھەر مىللەت كادىرلىرىنىڭ باش نىشاننى تونۇپ يېتىپ، ئىستىلىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىپ، بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق يارىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېفون يىغىندا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلغان ئىدى :

-شىنجاڭدىكى كادىرلار ئىستىلدا ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇشى لازىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئۇزاقتىن بۇيان چېگرادا يىلتىز تارتىپ، چېگرانى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە ئومۇمىي ئىستىلى ياخشى، لېكىن ئايرىم جايلارنىڭ ۋە بەزى كادىرلارنىڭ ئومۇمىي باش نىشانغا بولغان تونۇشى ئەمەلىيلەشمىگەن، ئىدىيەدە بىخۇدلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئىستىلى تۇراقسىز، تەدبىرى يوق، كۈرەشتىن بىزار، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئەمما ئىستىلنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ دۈشمىنىمىز، ئۇنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ 23-يانۋار كۈنى قەشقەردە قىلغان سۆزىدە شىنجاڭدا مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يارىتىشتىن ئىبارەت باش نىشان شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرۇپ چىقارغان ھۆكۈمى. شۇڭا بۇنىڭغا بىز قەتئىي ئەگىشىشىمىز، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك، دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

دەل شۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش» پائالىيىتى باشلاشنى بېكىتىپ، «ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر» دەپ كۆرسەتتى.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى چېن چۈەنگو چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى تەكىتلەپ ئاچقان مۇقىملىق يىغىنىدا يەنە ئوخشاش مەسىلىنى تەكىتلەپ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلدى :

-ئىدىيە جەھەتتە ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇش كېرەك. يۈكسەك ھوشيارلىق ۋە سەگەكلىكنى ساقلاپ، ھازىرقى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، بوشاڭلىق قىلىپ ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش ۋە تەلەي سىناش پىسىخىكىسىنى قەتئىي يېڭىش كېرەك…. تونۇشى يېتەرلىك بولماي، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرماي، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش سەۋەبلىك مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، جاۋابكارلىقىنى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زوراۋان-تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ باش نىشانغا ئەگىشىش، ئىستىلنى توغرىلاش مەسىلىسىدە بۇنچە جىددىيلىشىپ كېتىشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «قوشماق تۇغقان بولۇش»، «قوش تىل يەسلى مائارىپى» قاتارلىق بەزى سىياسەتلەرنىڭ شۇ جايدىكى ئاممىنىلا ئەمەس، شۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنىمۇ نارازى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرىقىدەك سىياسەتلەر خىتاي كادىرلارغىمۇ ئارام بەرمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق نارازىلىقلارنىڭ بولۇشىنىڭ تەبىئىيلىكىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم2015-يىلى-نويابىر ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ سابىق باشلىقى جاۋ شىنۋېينى «3 خىل كۈچلەر»گە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور پرىنسىپال مەسىلىلەردىكى سۆز-ھەرىكىتى مەركەز ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەك بولمىدى، دەپ تەنقىد قىلغان ۋە ئۇنى كومپارتىيەنىڭ ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسىدىكى«شىنجاڭ سىياسىتى» گە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

11-2016 ئايدا بولسا قەشقەر ۋىلايىتى دائىرىلىرى ۋىلايەتكە قاراشلىق 11 ناھىيە ۋە شەھەردىكى ھاكىم دەرىجىلىك 15 كادىر ۋە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك 22 كادىرنى «قوش تىل يەسلىسى» قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاكتىپ بولمىغانلىقى ياكى پىكىر جەھەتتە پارتىيە بىلەن بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمىلىدىن قالدۇرۇپ جازالىغان ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ناسانىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا بۇنىڭغا قارشى چىققان ياكى پەقەت ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشنىلا ئويلاۋاتقان كادىرلارنى ئىستىلى ياخشى ئەمەس دەپ جازالىشى بىر خاتالىق، دەپ كۆرسەتتى.

چېن چۈەنگو يۇقىرىدىكى يىغىنلاردا قىلغان سۆزىدە، داۋاملىق تېررورلۇق، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى، ھەرۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاشنى، دۈشمەنگە رەھىمسىز بولۇشنى تەكىتلىمەكتە. ئۇ ئالدىنقى كۈنىدىكى سۆزىدە، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشى كېرەك… تەكشۈرۈش پونكىتلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىسى بولۇشى؛ جەمئىيەتتە تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى رايونلاردا ئۈچ مىنۇتتا، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا بىر مىنۇتتا بىر تەرەپ قىلىش چەمبىرىكى ھاسىل قىلىشى كېرەك…قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش جەھەتتە يۇقىرى بېسىم، چۆچۈتۈش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، زوراۋان-تېررورچىلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يۇقىرىقىدەك شۇئارلار ئارقىلىق مۇقىملىق ياراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ سىياسەتلەرنىڭ شۇ جايدىكى ھېچقانداق بىر مىللەتكە خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يەرلىك مىللەتنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تارىختىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*