ئۇغۇر يىلدىرىم: «ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېتىش توختىتىلىشى لازىم»

خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يىلدىرىم ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى جىنايەتچىسىنىڭ تۇتۇلۇشى جەريانىدا، چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇغۇر يىلدىرىم: «ئىستانبۇل ئورتاكۆيدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى جىنايەتچىسىنىڭ تۇتۇلۇشى جەريانىدا، چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىدى، جەمئىيىتىمىزگە بۇ ھەقتە كېلىۋاتقان ئەرز-شىكايەتلەر ھەر كۈنى ئېشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇغۇر يىلدىرىم جەمئىيەتنىڭ فاتىھ رايونىدىكى مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيەگە پاناھلىنىش مەقسىتىدە كەلگەن چېچەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتكە قىلىۋاتقان ئەرز-شىكايەتلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ جەمئىيەتكە ئەزا خالىسانە ئادۋوكاتلارنىڭ ساقچىخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۆزبېك، چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «مۇھىم بولغىنى كەينىگە قايتۇرۇۋېتىش توختىتىلىشى لازىم. بىر كىشىنىڭ خاتا ھالدا قايتۇرۇۋېتىلىشى، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئوخشاش. قايتۇرۇۋېتىش ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان يول ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدە پاناھلانغان بۇ بىچارە كىشىلەرنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار» دېگەن.

بىر قانچە كۈندىن بېرى، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى بىر ئاشخانىدا قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا قايتۇرۇۋېتىلىش پەيتىدە، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە بۇنىڭدىن ساقلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقان ئىدى.

مەنبە: تۈركىيە رادىئو تىلىۋىزىيە ئىدارىسى

Leave a Comment

*

*