«خىتاي رادىكال ئىسلامچىلارغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر بولمىسىلا»

بىر مۇخبىرنىڭ تۇڭگان ئۆلكىلىرىدە ھېس قىلغانلىرى

خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى جەھەتتە پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بېيجىڭدىكى مۇستەقىل ژۇرنالىست ئالىيىس سۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا لەنجۇدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئوخشاش تېررىتورىيە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئىككى مىللەت ئۇچراۋاتقان ئوخشىمىغان دىنىي سىياسەت ئۈستىدە توختالغان.

ئالىيس سۇ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل مۇخبىر بولۇپ، ئۇ يېقىندا «كرىزىس خەۋەرلىرى پۇلتىزېر مەركىزى»نىڭ تور بېتىدە «سۈكۈتتىكى دۇئا-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قورشاۋغا ئېلىشى» ناملىق بۇ خەۋەر ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خوتەن ۋە يەكەن قاتارلىق جايلارنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇ جايلاردىكى ۋەزىيەتنى كۆزەتكەن شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ، كەڭ كۆلەمدە ۋە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ بىر قىسىم مۇھىم دىنىي زاتلارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىدىغان ئادەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق مازارلىقلارنىڭ چۆلدەرەپ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا پېچەتلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

يېقىندا ئۇ يەنە، «خىتاي رادىكال ئىسلامچىلارغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ-ئۇ پەقەت ئۇيغۇر بولمىسىلا» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىمغا يەنە بىر قېتىم دىققەت تارتتى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى «كرىزىس خەۋەرلىرى پۇلتىزېر مەركىزى» دە ۋە شۇنداقلا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ لەنجۇدىكى تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتلىرى، مەكتەپلىرى ۋە ھالال يېمەكلىك شىركەتلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئىسلام دىنىدا ئىنتايىن كونسېرۋاتىپ دەپ تونۇلىدىغان سالافىزمنى ئۆگىتىدىغان سالافى مەدرىسىلىرىنى ۋە مەسچىتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ، بۇ جەرياندا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇپ كېلىپ، ھازىر لەنجۇدا تۇڭگان بالىلىرىغا ئەرەبچە دەرس بېرىدىغان تۇڭگان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تونۇشقان، مەسچىت ۋە مەدرىسىلەرنىڭ داۋاملىق يېڭىلىنىپ، كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. قىسقىسى، بۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىدىيىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق رادىكال ئىسلامغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغا ئانچە ماسلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە مۇنداق دېگەن: «خىتايدا، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىش دەرىجىسى ئىدېئولوگىيىگە قاراپ ئەمەس، مىللەتكە ۋە جۇغراپىيىلىك ئامىللارغا قاراپ تۇرۇپ پەرقلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۇرۇشىنىڭ يادروسى بەلگىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە رايونلارنى جۈملىدىن شىنجاڭدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كونترول قىلىشقا قارىتىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى زالىملارچە باستۇرۇش سىياسەتلىرى مىللىي زىددىيەتنى ئۇلغايتىپ، زوراۋانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىقلارنى تېررورلۇق ئىدىيىسىگە باغلاپ كەلمەكتە. جۈملىدىن لەنجۇدىكى بىر ئاكتىپ تۇڭگان سالافىسى قەشقەردىكى بىر زىيالىي ئۇيغۇردىن كۆپ ئەركىن ياشايدۇ.

ئاپتور تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پەرقلىق مۇئامىلىگە مىسال قىلىپ، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى شادىيەن مەسچىتى مەدرىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن چەكلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. مۇخبىر ئالىيس سۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2014-يىلى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىلاردىن بىرىنىڭ مۇشۇ شادىيەن مەدرىسىدە 6 ئاي تەلىم ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، شۇ يەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دەرھال قارار چىقىرىپ، بۇ مەدرىسىدە يەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم ئېلىشىنى ۋە يەرلىك بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ بۇ يەردە دەرس بېرىشتىن چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدىۋەتكەن. ئەمما يۈننەندىكى دىنىي زاتلار بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن دائىرىلەر قارارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، باشقا ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار كەپ ئوقۇسا بولىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن خەت ئېلىپ كېلىدىغان شەرتنى قوشۇپ قويغان. نەتىجىدە، شادىيەن مەسچىتى مەدرىسىسىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 450 نەپەردىن 200 نەپەرگە چۈشۈپ قالغان. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن باشقا ئۆلكىلىك بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كەلگەن، بىراق بىرمۇ ئۇيغۇر قايتىپ كەلمىگەن.

مۇخبىر خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «شادىيەن مەدرىسىنى ئاپرېل ئېيىدا زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا، ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغان بىر خىتاي بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ يىللاردىن بېرى، ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز ھالدا بىر دىنىي ژۇرنال نەشر قىلىپ تارقىتىپ كەلگەن ئىكەن. شۇنچە يىلدىن بېرى بۇ ئىش بىلەن كارى بولمىغان دائىرىلەر، قاچانىكى ئۇنىڭ ژۇرنىلى ئۇيغۇر ئېلىدا داڭق قازىنىپ، تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن. ئۇ ژۇرنالنى ئۇيغۇر ئېلىدا تارقىتىشنى توختاتقاندىن كېيىنلا، يەنە ھېچقانداق ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىمىغان. خۇددى شۇنىڭدەك، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇپ كەلگەن بىر تونۇلغان ئىمام ماڭا ئۆزىنىڭ بىر مەزگىل لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا غەيرىي رەسمىي ھالدا ئىسلامدىن دەرس بەرگەنلىكىنى، 5 يىل جەريانىدا ھېچقانداق مەسىلە چىقماي كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2015-يىلى دائىرىلەر ئۆزىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى لېكسىيەلىرىگە بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ كېلىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنى قولغا ئېلىپ بىر قانچە ئاي سولاپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. كېيىن گەنسۇ دائىرىلىرى بۇ ئىمامنى قويۇپ بېرىدىغان، ئەمما بەدىلىگە ئۇ ئۆزىنىڭ دەرسلىرىگە بىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قاتناشتۇرمايدىغان ۋە مەسچىتىگىمۇ ئۇيغۇر ئالمايدىغان بولۇپ كېلىشكەن. ئىلگىرى شادىيەندە تۇرۇپ باققان ۋە ھازىر خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئانتروپولوگىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان رۇسلان يۈسۈپوفمۇ ماڭا ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى، يۈننەن دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا كاللىسىنىڭ قاتقانلىقىنى ئېيتتى.»

ئامېرىكىدىكى ماريلاند شتاتىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ، يۇقىرىدىكى مۇخبىرنىڭ ئېيتقىنىدەك پەرقلىق مۇئامىلە بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، دەرۋەقە شىنجاڭغا سېلىشتۇرغاندا نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدە سىياسەتنىڭ ياخشىلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە دىنىي كىيىم دەپ كىشىلەرنىڭ كىيىمىگە ئارىلىشىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل رەھبىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن تۈپتىن پەرقلىق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.

مۇخبىر ئالىيس سۇ خانىممۇ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پەرقلىق مۇئامىلىسىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىشىنى تۇڭگانلارنىڭ مەزھەپچىلىك )تەرىقەتچىلىك( قىلىشىدىن بەكرەك خەتەرلىك دەپ قارىشىدىكى بىر سەۋەب-ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىللىقى ئېھتىمالغا بەكرەك يېقىن. چۈنكى، بۇ تېخى يېقىن تارىختىلا يەنى 1930-ۋە 1940-يىللار ئارىسىدا بولۇپ باققان بىر ئىش. ئۇيغۇرلار تۈركىي تىلدا سۆزلەيدىغان مىللەت بولۇپ، ئۇلار ھەر جەھەتتىن خىتايدىن پەرقلىق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك مىللىي ئاڭ مەۋجۇت.»

مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇڭگانلارغا ئوخشاش رادىكال دەپ بىلىنىدىغان مەزھەپلەرگە ئىشىنىش ئەمەس، ئەڭ ئاساسىي دىنىي پائالىيەتلەردىنمۇ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۇرۇت قويۇش، ئاياللىرىنىڭ ياغلىق چېكىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، ئەمما كۈلكىلىك بولغىنى ھۆكۈمەت شۇنداق قىلغانسېرى، ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا رادىكاللىق ئىدىيىلىرىگە قىزىقىش كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ما خەييۈن ئەپەندى بولسا سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ زىددىيەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ كىيىمىگە، ياغلىقىغا ئارىلىشىپ تېخىمۇ كۆپ زىددىيەت پەيدا قىلماقتا، مەيلى شىنجاڭ بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولسۇن بۇنداق ئەھۋالنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئۆز قولى بىلەن زىددىيەت تۇغدۇرغانلىق، تېررور پەيدا قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

مۇخبىر ئالىيىس سۇمۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ توغرا دىنىي تەلىم ئېلىشتىن چەكلىنىشى پەيدا قىلىۋاتقان ئاقىۋەتنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن بايان قىلغان: «رۇسلاننىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، شادىيەندىكى يەرلىك تۇڭگانلار ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ شادىيەندە ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىن كاللىسىنىڭ ئۆزگىرىپ، رادىكاللىشىشتىن ئۇزاقلاشقانلىقىنى، چۈنكى نۇرغۇنلىرىنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندە ھۆكۈمەتكە قاتتىق قارشىلىقىنى، ئەمما بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن ئىسلامنىڭ تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كاللىسى ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىكەن.» ئالىيىس ماقالىسىنى داۋام قىلىپ: «يۈسۈپوف ماڭا ‹شادىيەندە تۇرۇپ خۇي مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى ئۆزگەرگەن ئىدى، ئەمما ھازىر ئۇ ئىشىكمۇ تاقىۋېتىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلىنىپ، ئۇلار پەقەت ھۆكۈمەت ئۆزلىرىگە قارشى بولغان دۇنيادىلا ياشاشقا مەجبۇرلانغانلىقتىن، تەبىئىي ھالدا ھۆكۈمەت ئەسكى، خىتايلار ئەسكى، ئۇلار بىزگە قارشى، دەپ ئويلايدۇ ۋە قارشىلىق قىلىدۇ› دېدى» دەپ بايان قىلغان.

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندىمۇ يۇقىرىدىكى سۆزنى قوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىدە قوبۇل قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەر يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى قويمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*