شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 05- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلىدى
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىغا قارشى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5- كۈنى پارتلىغان نامايىشنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلىدى. بۇندىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى يەنى شەرقى تۇركىستانلىق ئوت يۈرەك پىدائىيلار ۋەتىنىمىزنىڭ غولجا شەھىرىگە جەم بولۇپ غولجا خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقالايدىغان ،ھەر ۋاقىت دۆلەتنىڭ تەقدىرىنىلا ئويلايدىغان ،دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ ئىززەت نومۇسىنى قوغدايدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يولسىز ۋە بىمەنە سىياسەتلىرىگە-زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ،كوچىغا چىقىپ تېنىچ نامايىش قىلىپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيتىگە قارشى كەسكىن ئىرادىسىنى خەلق ئالەمگە نامايان قىلغان ئىدى.
جاللات خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى تىنىچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر نامايىشنى ۋەھشىلەرچە قانلىق باستۇرۇپ، نامايىشچىلاردىن نامەردلەرچە ئۆچ ئېلىپ، نەتىجىدە شەرقى تۈركىستانلىقلار نىڭ ئۇزاقتىن بىرى تارتىپ كېلىۋاتقان ئىشغالىيەت ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە ئىشغالىيەتكە قارشى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئىنتىقام ئوتىغا بېنزىن تۆكۈپ تېخىمۇ ئۇلغايتقان ئىدى.
ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن غولجا قىرغىنچىلىقىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يىگىرمە نەچچە يىلدىن بىرى ھەرخىل تۈردە ئۈزلۈكسىز خاتىرلەپ كەلمەكتە.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارمۇ، 2017- يىلى 5-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ پائال ھەمكارلىشىشى ئاستىدا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ «غولجا قىرغىنچىلىنى داغدۇغىلىق خاتىرلەپ، مەزكۇر نامايىشتا قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەر ۋە ھەرخىل زىيان زەخمەت ۋە بەخىتسىزلىكلەرگە يولۇققان غازىلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇپ دۇئا قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەت: 2017- يىلى 05- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن سائەت 14:30 دە، سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى ۋە غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلىنىپ 16:00 دە ئاخىرلاشتى.
پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار، پائالىيەتكە مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تارىختىن بىرى بىگۇناھ خەلىقنى ۋەھشىلەرچە قانلىق باستۇرۇپ خەلقتىن ئۆچ ئېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي مۇستەمچىلىكلىرىنىڭ ئازاب ئۈقۈبەتلىرى قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكچىلەرگە تەسلىم بولۇش، مۇستەمچىلىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ۋە قوزغىلاڭلاردا شېھىد بولغان قەھرىمانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: دۇنيا تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق قۇرال كۈچى بىلەن كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق بىر زوراۋان كۈچنىڭ ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرىمىز. ئاللاھ خالىسا بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ دۆلىتىمىز ئەسلىگە كىلىپ، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئىشغالىيتىدىن قۇتۇلۇپ، ئازاتلىققا ئېرىشىپ زەپەر مارىشىنى ئوقۇيدىغان كۈنىمىز چوقۇم بىر كۈن يىتىپ كېلىدۇ، بۇ پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى. بىز زىمىستان قىشتىن كىيىن باھار نىڭ كېلىشىگە، تۈن قاراڭغۇ كېچىدىن كىيىن تاڭنىڭ ئېتىشىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ تەبىئىى قانۇنىيىتىگە شۇنداقلا دۇنيادىكى تەڭداشسىز كۈچلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىر زات ئاللاھ نىڭ بارلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز قۇدرەت كۈچىگە ئىمان ئېيتقان دىندار كىشلەردۇرمىز. ئىمانىمىزنى ئۆزىمىزگە يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، ئاللاھنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا سىزغان ئىستىراتىيگىيلىك ئىلاھى پىلانىغا ئۆزىمىزنى ھازىرلاپ، ئۆز ئارا بىر بىرىمىز بىلەن ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ، سەۋرچانلىق بىلەن مۇستەملىككە قارشى ھەققانى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىكەنمىز ئىستىقبالىمىز چوقۇم پارلاق بولىدۇ دېدى.
كېيىن سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ مەسئۇلى فەرۇق سادۇق ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، 05- فېۋرال غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاقلار بىلەن بىرلىكتە 07- فېۋرال كۈنى ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىشىپ نامايىش قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بېرى ھەر يېلى بۇ كۈندە ئوخشىمىغان شەكىلدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.
Leave a Comment