ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان غۇلجا ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلار مەسچىتىكە جەم بولۇپ قۇرئان تىلاۋىتى قىلىپ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
قەيسەرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولۇپ، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ يەرگە 60 يىل بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە جەم بولۇپ، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلارنى خاتىرىلىگەن. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن قۇرئانى كەرەم ئوقۇپ ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىنغاندىن كېيىن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇراسىم ئەھلىگە غۇلجا ۋەقەسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ تونۇلۇشىدا ئوينىغان رولىنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا، قېرىنداش ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى تىنچ يول بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، دىنىي ئېتىقادلىرىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلىپ، كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش قىلغانلىقىنى، بىراق، شۇ كۈندىكى نامايىشنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، غۇلجا ۋەقەسىدە تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ياشلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقى، كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئوخشاش ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ھەتتا تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى بايان قىلىنغان، باياناتنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىلغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، دىلشات ئىسلام ۋە ئەنۋەر ئەپەندىلەر بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، ھەر يىلى غۇلجا ۋەقەسىنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ خاتىرىلەپ كەلگەنلىكى، ئەمما تۈركىيەدە ئالاھىدە ۋەزىيەت ئېلان قىلىنغان بولغاچقا بۇ يىل نامايىش ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
2015-يىلى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق قەيسەرىگە كەلگەن غۇلجىلىق دىلشات ئىسلام ئەپەندى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭدا شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.
2015-يىلى قەيسەرىگە غۇلجىدىن كەلگەن مۇساپىرلاردىن ئەنۋەر ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ غۇلجىدا ئىكەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىن كۆپ ساندا تونۇشىغا مۇددەتسىز ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
دىلشات ئىسلام ئەپەندى غۇلجىدا كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەنۋەر ئەپەندى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن غۇلجا خەلقىنى جازالاپ ئۆز مەقسىتىگە يېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان ۋە يەرلىكتىن ئىگىلەنگەن غەيرىي رەسمىي رەقەملەردىن قارىغاندا، غۇلجا ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 4000 دىن ئوشۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، 100 دىن ئوشۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كېيىن خېلى كۆپ ساندا كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھەمدە مۇددەتسىز ۋە تۈرلۈك يىل مۆھلەتلىرى بىلەن تۈرمە جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment