1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 4-فېۋرال كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو، ئوساكا، فۇكۇئوكا، ناگاساكى ۋە ئوكىناۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
ياپونىيەنىڭ توكيو، ئوساكا، فۇكۇئوكا، ناگاساكى ۋە ئوكىناۋا شەھەرلىرىدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلار ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى ھەر قايسى شەھەرلەردىكى نامايىش مەيدانلىرىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان.
توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىش ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە شېھىتلار روھىغا دۇئا قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، نامايىشچىلار جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى نامىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا باياناتنامە تاپشۇرغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالغان.
ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش ھەققىدە توختالغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئوكىناۋا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى تانىكو مارىكائو خانىم بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىمىز ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ھازىر داۋام قىلىۋاتىدۇ. نامايىشىمىزدا ئاساسلىق مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە باستۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدا تۈرلۈك نۇتۇقلارنى سۆزلەش بىلەن بىرگە، ۋەقەگە دائىر تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتۇق. ئوكىناۋاغا كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلىرى بىزنىڭ قوللىرىمىزدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە «شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختات» دېگەندەك نامايىش پىلاكاتلىرىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن سۈرەتكە ئېلىشتى. كۆپلىگەن كىشىلەر 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە بىزدىن تۈرلۈك سوئاللارنى سوراشتى. نامايىشىمىز ناھايىتى ياخشى داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئوساكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا داۋام قىلىۋاتقان نامايىش ھەققىدە توختالغان يوشىدا ئەپەندىم:«نامايىشىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. گەرچە،نامايىشقا قاتناشقان ئەزالىرىمىزنىڭ سانى چەكلىك بولسىمۇ، بىراق كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىمىز بىلەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەپ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەن.
ياپونىيەنىڭ كيۇشۇ ئۆلكىسىنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا داۋام قىلىۋاتقان نامايىش ھەققىدە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى فۇكۇئوكا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمامۇرا نوھ ئىبراھىم مۇنداق دېگەن: «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن فۇكۇئو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بۇ يىل تۇنجى قېتىم خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشىمىز. بۈگۈنكى نامايىشقا شەھىرىمىزدىكى تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇل مەسىلىلىرىنى قوللىغۇچى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. نامايىشىمىز جەريانىدا يەنە خىتاي كونسۇلخانىسىغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ يازغان باياناتنامىنىمۇ كونسۇلخانىسىنىڭ خەت ساندۇقىغا سېلىپ قويدۇق.»
ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى، ياپونىيەدىكى خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەت مەسىلىسى مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىۋاناگا نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «ناگاساكىدا ھەر يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىزچىل نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدۇق. بۇ يىل ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ياپونىيەدىكى بەش چوڭ شەھەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشقا بىزمۇ قېتىلىپ بۈگۈن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزدۇق. نامايىشىمىز ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ»دېگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن نامايىش ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment