2017-يىلى5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە «تۈرك مىللەتچىلىكى ھەققىدە ساۋات» قاتارلىق مول-مەزمۇنلۇق پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى پېشىندىن يېنىپ، 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجادىكى قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغانلارغا بېغىشلانغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان. پائالىيەتكە جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئەيسا قارىھاجى رىياسەتچىلىك قىلغان. جامائەت ئالدى بىلەن غايىۋانە دۇئايى-سالاملار يوللاپ، قەھرىمانلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن، ئاندىن، مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى» نىڭ رەئىسى مۇراد گېدىك ئەپەندىنىڭ تەقدىم قىلىشىدا «تۈرك مىللەتچىلىكى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» ناملىق لېكسىيەدىن بەھرىمەن بولغان.
مۇراد گېدىك ئەپەندى بۇ لېكسىيەسىدە تۈرك مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلىۋاتقان تارىخىي كەچمىشىلىرى توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مىللەتچىلىكىدىكى تارىخىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
دەم ئېلىش پۇرسىتىدە غىزالىنىش، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشقان جامائەت يەنە، غۇلجا دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئابدۇسالام غېنى ئەپەندىنىڭ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە ئالاقىدار ئەسلىمىلىرىگە دىققەت بەرگەن.
ئابدۇسالام غېنى ئەپەندى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن ئۆزى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىنى ۋەتەنداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ ئالقىشلانغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى
Leave a Comment