تورونتودىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشلىرى كوچىلارغا چىقىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا، مەشرەپ ئويناۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىز كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلغان ئىدى. نامايىشتىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى، تىنچ يول بىلەن نامايىشقا چىققان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغان. كۆزەتكۈچىلەر، «5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى» سەۋەبىدىن ئۇيغۇر خەلقى بىر ئەۋلاد ياشلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئىز- دېرەكسىز يوقاپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تاكى ھازىرغىچە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمما نېرۋىسىدىن ئېزىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

20 يىلدىن بۇيان، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزۈش ۋە نامايىش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى، يىللاردىكىگە ئوخشاش بۇ يىل 5-فېۋرال كۈنى 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئەركىن دۇنيادا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشنى ھازىر تورونتو شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى تەشكىللىگەن.

نامايىشتا ئالدى بىلەن، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان، نارازىلىق خېتى ئوقۇپ ئۆتكەن.

نامايىشچىلار، «خىتاي شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى ئۇنتۇلمايدۇ، شېھىتلار ئۆلمەس، خىتاي، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات»دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.
نامايىش جەريانىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى نامايىش قاتناشچىلىرىنى زىيارەت قىلغان. تورونتودا ياشاۋاتقان تاھىر مىجىت 3 ئوغلىنى ئېلىپ بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا قاتناشقان .

ئۇ،  ەركىن ئاسىيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ئارقىلىق شېھىتلارنى ئەسلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يوللىرىنىڭ ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نامايىشنى تەشكىللىگەن شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ھاجى مامۇت ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى دۆلەت تېررورىزمى ئارقىلىق، خەلقىمىزنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ،قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى.بىز ۋەتىنىمىزنى خىتايدىن قايتۇرۇۋېلىش ھەمدە مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولى بىلەن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشتىن باشقا يولنىڭ يوقلۇقىنى تونۇپ يەتتۇق».

نامايىشقا قاتناشقان ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «غۇلجا شېھىتلىرىنىڭ ئىنقىلابىغا توپ توغرا 20 يىل بولدى. 20 يىلدىن بۇيان بىز ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق.شۇ كۈنلەردە ئۇلارنى ئەسلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىمىز».

نامايىش شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە باشلىنىپ، سائەت 5 دە ئاخىرلاشتى. نامايىشقا تورونتودا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىرنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

 

Leave a Comment

*

*