خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە باشقا ھەر جەھەتتىكى زۇلۇمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈتۈش، ئىزتىراپلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشتى. ئائىلىسى بويىچە ھىجرەتكە تەۋەككۈل قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئەرسىز، يالغۇز ياكى بالىلىق تۈركىيەگە كەلگەن، ئېغىر بەدەللەر تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇلارنىڭ خېلى كوپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئاياللارنىڭ مىڭ بىر جاپادا تۈركىيەگە كېلىشى دەل تۈركىيەنىڭمۇ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدە زور داۋالغۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلىگە توغرا كەلدى ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ بۇ ئىككىنچى ۋەتەنگە يەرلىشىشىمۇ زور رىقابەتلەرگە يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم.
بۇ چارىسىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەزىيىتى، ئۇلار ئۇچراۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ئىگىلەش مەقسىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى تۈركىيەگە مۇخبىر ئەۋەتكەن بۇلۇپ، نۆۋەتتە مۇخبىر گۈلچېھرەنىڭ، ئىستانبۇلدا بۇ ئۇيغۇر مۇساپىر ئاياللار ۋە بالىلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسلىق شەخسلەردىن ھامىد كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە مۇنەۋۋەر خانىملار بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس سۆھبىتىنىڭ بىر قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنۇلدى:
– خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە باشقا ھەر جەھەتتىكى باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك، ئۆز ئەركى بويىچە ياشاشنى ئىستەپ ئائىلىسى بويىچە ھىجرەتكە تەۋەككۈل قىلغان بولسىمۇ، مۈشكۈل سەپەر جەريانىدا ئېرىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەدە تۇل ياشاشقا، پەرزەنتلىرىنى يالغۇز بېقىشقا، تەقدىرىنىڭ، سەرسانلىق ھاياتىنىڭ يۈكلىگەن غەملىرىنى يالغۇز كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ئىستانبۇلدىكى مۇساپىر ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئاساسلىقى ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رەسمىيەتلىرى ھەل بولمىغانلىقى، جان باققۇدەك ھېچقانداق تاپاۋىتى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلات ۋە ۋەخپىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
ھىجرەت سەپىرىدىكى نىشانى تۈركىيەگە ئوڭۇشلۇق كېلىۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىر بەدەللەر تۆلەۋاتقان، ھىجرەت ھېكايىلىرى تېخى پۈتمىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە بىز ئاۋۋال تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەت ئۇيغۇرلار مەسىلىنىڭ تۈركىيەدە ئاڭلىتىلىشى ۋە كۈن تەرتىپكە كېلىشىدە ھەمدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىزچىل مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇدىر ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، تۈركىيە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شۇنداقلا ئۇيغۇر نېت خەۋەر تورىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرۇۋاتقان ھۆرمەتلىك ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىنى ئۆز ئۆيىدە زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.
ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى ئاۋۋال بىزگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت قىلىپ تۈركىيەگە كېلىشى ۋە بۇ مەملىكەتكە يەرلىشىش تارىخى ۋە شۇنداقلا يېقىندا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇم بولغان ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىستانبۇلنىڭ ئۆزىدىلا بۇ تۈركىيەگە ھىجرەت سەپىرىدە ئېرى تايلاند ۋە باشقا ئۆتكۈنچى ئەللەردە توختىتىپ قېلىنغان ياكى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئاياللاردىن 30 دىن ئارتۇقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى دەل تۈركىيەدە ئىيۇلدىكى ئىسيان ۋە باشقا تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى رىقابەتلەرگە يۈزلەنگەن داۋالىغۇچ بىر دەۋرگە ۋە يەنە مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەچكە، بەختكە قارشى، بۇ ئۇيغۇر مۇساپىر ئاياللارنىڭ تۈركىيەدىكى قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرىنىڭ بېجىرىلىشىمۇ توسالغۇلارغا ئۇچرىغان.
ھامىت ئەپەندى يەنە، چارىسىز قالغان بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نۆۋەتتە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ۋە جامائىتى ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ پەقەت ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇساپىر ئاياللىرى يۈزلىنىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنى تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىشىپ مۇقىم ۋە سىستېمىلىق تەدبىرلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«يېقىنقى 2، 3 يىل ئىچىدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ 90% تىن ئارتۇقىنى يالغۇز ئانىلار ۋە بالىلار ئىگىلەيدۇ» دەپ بىلدۈرگەن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇنەۋۋەر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يالغۇز ئايال ۋە بالىلارنىڭ تۈركىيەگە خاتىرجەم يەرلىشىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنى ۋە ئۇلار ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. مۇنەۋۋەر خانىم يەنە، ھازىر بۇ كۆپچىلىكىنى تۇل ئاياللار ۋە يېتىم بالىلار تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى پەقەت تۈركىيەنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماي، سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ئوخشاش، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
(داۋامى بار)
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment