تەكشۈرۈشكە يوللانغان 7 ئۇيغۇر كادىرنىڭ 6 سىنىڭ قانۇن ساھەسىدىن ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 10-فېۋرالدىكى سانلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 7 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈشكە يوللانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان 7 كىشىنىڭ 6 سىنىڭ ج خ خادىمى بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تىنچسىز رايون دەپ تەرىپلىنىۋاتقان خوتەن رايونىدىن بولۇشى جىددىي دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇلاھىزىچىلەر، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ، رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن قاتارلىق جايلاردا يېقىندىن بۇيان يەنە كۆپەيگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى رايوندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ئارتىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ئىبرەت قىلىش ۋە ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەنىمۇ ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە قىستاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى چاغان بايرىمىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈشكە يوللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بېرىشكە باشلىدى. دائىرىلەر 8-فېۋرال كۈنى، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، بورتالا شەھىرى سۇنىنتوخا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ۋە سۇ تەقسىم قىلغۇچى كادىرى خې لۇڭ، كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى توققۇز توما كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز بىسار، بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىخەنزە 148-پولك خوجىلىق پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن لىڭ قاتارلىق 3 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىغا چىرىكلىك قىلغانلىقى سەۋەبىدىن پارتىيىدىن چىقىرىش، ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازالىرى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

10-فېۋرال كۈنى خىتاي خەلق تورى يەنە خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى نازىرى ساتتار ساۋۇت، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نىجات ئاۋۇدۇن، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەلى ئىمىن، ج خ نازارىتى ئالاھىدە رازۋېدكا ئەترىتى خوتەن تارماق ئەترىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇقادىر ئابلا، خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سىياسىي كومىسسارى يالقۇن ئابدۇرازاق، قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى سىياسىي كومىسسارى ئابابەكرى ئېلى، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى دۆلەت بىخەتەرلىكى تارماق ئەترىتىنىڭ سابىق بۆلۈم دەرىجىلىك رازۋېتكا خادىمى مۇختەر تۇرسۇن قاتارلىق 7 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 3 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن 3 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ جازالانغانلىقىنى، 7 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى شۇنداقلا تەكشۈرۈلۈشكە يوللانغان 7 ئەمەلدارنىڭ ئالتىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىىش ئورۇنلىدىكى ئۇيغۇر كادىرلار بولۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىىتىنى ۋە رايون ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىملار  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيانقى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختىلىپ، چېن چۈەنگو بۇلتۇر 9-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، رايوندا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ئىلگىرىكى ئەمەلدار جاڭ چۈنشەندىنمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما پەقەت خوتەن تەۋەسىدىلا ئارقا-ئارقىدىن بىرنەچچە قېتىم قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىشى، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى سىياسىتى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان 6 نەپەر ساقچى ئەمەلدارىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشتىكى مەغلۇبىيىتىنى بۇ ئۇيغۇر كادىرلارغا ئارتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چېن چۈەنگو 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، رايوندا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، پاسپورت يىغىۋېلىش، مەسچىتلەرنى چېقىش، قوشماق تۇغقان بولۇش، شەھەر، بازارلاردا ھەر دوقمۇشقا بىر «قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» قۇرۇش قاتارلىق رادىكال تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. ئەمما، بۇ تەدبىرلەر چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، بەزى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەزى كادىرلاردا نارازىلىق قوزغىغان. 2017-يىلى يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن، ماناس ناھىيەلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىر كادىرى چېن چۈەنگونىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان. جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەن،قەشقەر قاتارلىق بىر قىسىم رايونلاردا ساقچىلارنىڭ گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار يوشۇرۇنغان گەمىدە پارتلاپ ئۆلۈش، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى مەخسۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ۋە رايون ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورگان. مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ، چېن چۈەنگو مۇقىملىقنى تەكىتلىگەنسېرى رايون ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى جازالاش ئارقىلىق، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىغا قارىتا ئىبرەت قىلىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئۆزىگە سادىق بولۇشقا مەجبۇرلاش، يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر ۋەزىپسىنى ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلمىسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش، رايوندىكى ئۇيغۇر كادىرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا يەنىمۇ ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە قىستاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىللىق چاغان بايرىمىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەلدارى چېن چۈەنگو 6-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلغانلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، قاتتىق جازالاشنى تەكىتلىگەن.

زۇبەيرە خانىم بايانىدا، چېن چۈەنگونىڭ بۇ سۆزنى ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان بەزى سىياسەتلىرىنىڭ بىر قىسىم كادىرلاردا نارازىلىق قوزغىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان مەزگىلدە قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ساداقىتىنى سىنايدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۇنىڭ ئۆكتىچى كادىرلارنى تازىلايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن كېيىن دائىرىلەر يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ئاشكارا ساداقىتىنى بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 5-فېۋرال كۈنى قەشقەر شەھەرلىك دائىرىلەر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قاتتىق قول بولۇشى ھەققىدە قەسەم بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*