تۇرغۇن ئالماسنىڭ چەكلەنگەن ئۈچ كىتابى تۈركىيەدە قايتا نەشر قىلىندى

داڭلىق شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە قايتا نەشر قىلدۇرۇلدى. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1046بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ تاش ۋارىقى كۆك رەڭدە، قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ لايىھىلەنگەن.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ ئەسەرلىرى، 1986-، 1987- ۋە 1989-يىللىرى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنىپ يىغىۋېلىنغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەن بىر يۈرۈش كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، داڭلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ چەكلەنگەن ئۈچ كىتابى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئەركىن  ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلدۇرغان جېلىل تۇران، تارىخچى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان جېلىل تۇران ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئۈچ كىتابىنىڭ يېڭى نۇسخىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەن كىتابلارنى چەتئەلدە نەشر قىلدۇرۇش پىلانى ئاساسىدا بۇ ئۈچ كىتابنى بىر توم قىلىپ نەشر قىلدۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەسەرنى قايتا نەشر قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ ئەسىرىنى شۇنداقلا بۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەرنى چەتئەلدە ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردا نەشر قىلدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ كىتابنى قانداق تارقىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسىرى 2010-يىلىدا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سېلېنگا نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغاندىن سىرت قازاقىستاندا رۇس تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.

1924-يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن تۇرغۇن ئالماس، 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

ئۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىدا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان تۇرغۇن ئالماس 1940- ۋە 1970 – يىللىرى كۆپ يىللار تۈرمىگە قامالغان. ئۇنىڭ «تۇتقۇن»، «غېرىب موماي»، «جەمىلە»، «تەنلىرىم ياپراق»، «ئانا تۇپراق» قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.

داڭلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ يەنە، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى» ۋە «تۈركلەر » قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ يازغانلىقى مەلۇم.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*