گۇما ناھىيىسىدە ۋەقە چىقىپ 8 كىشى ئۆلگەن

گۇما ناھىيىسىدە ۋەقە چىقىپ 8 كىشى ئۆلگەن.

خوتەن ئۇچۇر تورىنىڭ ئىلان قىلىشىچە ، بۈگۈن 2017- يىلى 14-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى 17 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتاننىڭ گۇما ناھىيە بازىرىدىكى قورو ئىچىدە ئۈچ كىشى پىچاق بىلەن كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغان.  خەۋەر مەزمۇنىغا قارىغاندا  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى بىر مىنۇت ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ ھۇجۇمچىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى، ھۇجۇمچىلار پىچاق بىلەن 10 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىى، يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ بەشى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا ئۆلگەن.
ئەمما خوتەن ئۇچۇر تورى بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئېچىلمىغان، باشقا خەۋەر ۋاستىلىرى خوتەن ئۇچۇر تورىنىڭ كەسمە رەسىمىنى تەمىنلىگەن.

 مەزكۇر ئۈچ ھۇجۇمچىلار بىلەن ئۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مىللىتى ۋە كىملىكى ئېلان قىلىنمىغان.خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە: ساقچىلارنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى، ۋەقەنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

Leave a Comment

*

*