11-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 13-فېۋرال توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، چەتئەل ۋە ياپون مەتبۇئاتلىرىغا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن قىسقىچە دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە، مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
توكيودا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۈمىد خەمىت قاتارلىقلار قاتناشقان.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىندا فىرانسىيە مۇخبىرلىرى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدا رابىيە قادىر خانىمدىن كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىغان.
بۇ قېتىمقى توكيودا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن ن ھ ك نىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.
مەزكۇر كۇلۇبتا بۈگۈن يەنە، رابىيە قادىر خانىمدىن ئىلگىرى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭاي تىبەت مەسىلىسى بويىچە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۈمىد خەمىت قاتارلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى
Leave a Comment