رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بەردى

11-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 14-فېۋرال كۈنى ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بەرگەن.

كامۇكۇرا شەھەر پارلامېنتى بولسا ئۆتكەن يىلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر شەھەر پارلامېنتىدا بەرگەن دوكلاتىغا ئاساسەن، مەخسۇس ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە قارار ماقۇللاپ ياپونىيە پارلامېنتىغا مەخسۇس تەكلىپ سۇنغان.

كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى بىردىن ‏- بىر شەھەر پارلامېنتلىرىدىن بىرى بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم پارلامېنتتا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، مەزكۇر شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى بىلەن ئايرىم ھالدا سۆھبەتتە بولغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى سېيىت تۈمتۈرك، ئۈمىد خەمىت، ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۈلمىرە زۇنۇن، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن مەھمەت ئەپەندى قاتارلىقلار قاتناشقان.

دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئەتىگەن سائەت ئون بىر يېرىمدىن ئون ئىككى يېرىمغا قەدەر بىر سائەت داۋام قىلغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*