خىتاي 14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدىمۇ چولتا ۋە مۇجىمەل خەۋەر بېرىش ئادىتىنى بۇزمىدى. ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 4 كۈنچە بولغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى، جەريانى ۋە گۇماندارلارنىڭ كىملىكى يەنىلا ئېنىقسىز. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ھۇجۇمنىڭ گۇما بازار ئىچىدىكى نىلۇپەر ئولتۇراق رايونى تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇم گۇماندارلىرىنىڭ گۇما بازىرىغا قاراشلىق يېڭى بازار كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئىكەنلىكى، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن 16-فېۋرال كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن دەپن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پەقەت ۋەقەدە 3 نەپەر ھۇجۇمچى بىلەن بىرلىكتە جەمىي 8 كىشى ئۆلگەنلىكى، 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يۇقىرىقىلاردىن ھۇجۇمچىلارنىڭ گۇما بازىرىنىڭ يېڭى بازار كەنت اھالىسى ئىكەنلىكى، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ھۇجۇمنىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبى ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ دوست-بۇرادەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، شۇنداقلا ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتا ئەركىن ئاسىيا رادىوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان پروگراممىنىڭ تەپسىلاتى بېرىلدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment