53-نۆۋەتلىك خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنى 17-فېۋرال كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى. ئەنۋەرجان ۋە تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىملار ئىككى كىشىلىك نامايىش ئېلىپ باردى.
بۈگۈنكى مەتبۇئات خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 17-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 53-نۆۋەتلىك خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنى رەسمىي باشلانغان. يىغىنغا ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ بىرقىسىم دۆلەت باشلىقلىرى، باش مىنىستىرلار، 47 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، 30 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ۋەكىللىرى شۇنداقلا مىڭدىن ئارتۇق مۇخبىر قاتناشقان. 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىچىدە ئۇكرائىنا، پولشا، ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىسرائىلىيە، تۈركىيە، ئىراق قاتارلىق ئەللەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىمۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. ميۇنخېن ساقچى ئىدارىسى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 3700 دىن ئارتۇق ساقچى ئاجراتقان. يىغىن چاقىرىلغان باۋارىيە مېھمانخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللار قامال قىلىنغان.
مەتبۇئاتلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 53-نۆۋەتلىك خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىدىغان ئاساسلىق تېمىلىرى: ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى، رۇسىيەگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى، قىرىم ۋە ئوكرائىنا مەسىلىسى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى، ئىراننىڭ ئاتوم سىناق مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دېڭىز ئاراللىرى تالاش-تارتىش مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا كېلەچەكتىكى دۇنيا خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن باسىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىملار بۈگۈنكى بۇ يىغىن مەيدانىغا يېقىن كېلىپ، ئۆز ئالدىلىرىغا ئىككى كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. بىز بۇ ئىككى كىشىلىك نامايىش نەق مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ نامايىشقا بەل باغلىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلىشكە تېرىشتۇق.
ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ نامايىش توغرىسىدا ئەركىن ئاىسيا راىئوسى مۇخبىرى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىممۇ نېمە ئۈچۈن ئىككى كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
بۇ ئىككى تەشكىلات مەسئۇلى ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ سىمۋولى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتنى تىكلەپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى پاش قىلىنغان ۋە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تىلىگەن مەزمۇنلاردا ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋەرەقلىرىنى تارقىتىشقا باشلىغان. بۇ تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنىڭ بىرىگە «ئىلھام توختى كىم؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىلھام توختىنىڭ قىسقىچە تارىخى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىش جەريانى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئىزاھلانغان.
ئەنۋەرجان ئەپەندى تارقىتىۋاتقان ئىككىنچى تەشۋىقات ۋەرەقىگە «خەۋپسىزلىك ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلسۇن» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى پاش قىلىنىپ، خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا ھەمدە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىلغان.
ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ نامايىشنى دۇنيا خەۋپسىزلىك يىغىنى ئاخىرلاشقۇچە بولغان 3 كۈن ئىچىدە ئۇدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Leave a Comment