21 كۈن بويىچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى بىر – بىرلەپ زىيارەت قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» تېمىلىق لېكسىيەسىنى سۇندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى جەمئيىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقلا ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست ھامىتخان گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزوۈلگەن كونفېرانستا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى بىر – بىرلەپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا كۆرگەنلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ قىرغىزىستان- تۈركىيە ماناس ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ «ئۇرۇمچىدىن كاشىغەرغىچە تاللانمىلار» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات لايىھەسى دائىرىسىدە بىر گۇرۇپپا ئاكادېمىك خادىملار بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە جەمئىي 21 كۈن زىيارەتتە بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۆزى تارتقان سۇرەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم ئاستىدىكى ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان لىكسىيەسىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى سەپداشلىرى بىلەن زىيارەتنى ئۇرۇمچىدىن باشلىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇرۇمچىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر رايونىنىڭ پايتەختىلا ئەمەس، بەلكى 9 – ئەسىردە قۇرۇلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭمۇ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرسى بولغان تارىخىي شەھەر ئىكەنلىكىنى رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە ۋە ئىسلامغا قوشقان زور تۆھپىلىرى، قاتادغۇ بىلىك ۋە دىۋانۇل لۇغاتىتتۈرك قاتارلىق بېباھا ئەسەرلىرى، ياسالغان جامە ۋە مەدرىسىلەر ھەققىدە سۈرەتلىك قىسقىچە مەلۇماتلارنى بەرگەندىن كېيىن، ھازىرقى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز زىيارىتىمىز جەريانىدا شۇنچە ئېغىر بېسىم ۋە ئاسسېمىلاتسىيە سىياسىتىگە قارىماستىن، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىنى، دىنىي، كۈلتۈر كىملىكلىرىنى مەھكەم قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىغا شاھت بولدۇق. بۇ ئەھۋال بىزنى تولىمۇ خوشال قىلىدى. بىزنىڭ تۈركىيەلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز گويا ئۇزۇن يىل كۆرمىگەن ئۆز قېرىندىشىنى ئۇچراتقاندەك خوشاللىنىپ ھاياجانغا چۈمدى، قايتىدىن قوچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بىزنى نەقەدەر چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. بۇ ھاياتىمدىكى قەتئىي ئۇنتۇلمايدىغان ۋە ھەر دائىم سۆيۈنۈش ئىچىدە ئەسلەيدىغان بىز زىيارەت بولدى» دېدى.
پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «پەن – تېخنىكا شۇنچە تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان، يەرشارىلىشىش پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملىشىۋاتقان 21 – ئەسىردە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە راۋا كۆرۈلىۋاتقان بېسىملارنى قوبۇل قىلىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. مەن ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۆزىمىزنىڭ يىلتىزىنى تونۇش ۋە چۈشۈنۈش ئۈچۈن زىيارەتكە بارغان بىر ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا يۈرگۈزىۋاتقان چۈشىنىكسىز بېسىم سىياسەتلىرىنى ئىچىمگە سىڭدۈرەلمىدىم. ئۇلارنىڭ ئۆز يۈرتلىرىدا ئەقەللىي كىشىلىك ھوق – ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولغان ھالدا خاتىرجەم، خوشال – خورام تۇرمۇش كەچۈرەلىشى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز لازىم، دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى يالغۇز تاشلاپ قويساق، ئۇلارنى ئۇنۇتساق بۇنىڭ ۋابالى ھەممىزگە بولىدۇ. شۇڭا ھېسسىياتقا بېرىلمەستىن، سوغۇق قانلىق ۋە ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. شەخسەن مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچىمەن. چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلىرى نۆۋەتتە مىللىي مەۋجۇدىيىتى ساقلاپ قىلىش كۆرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شۇڭا ئۇلارغا تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگە چىقىشى ئۈچۈن داۋملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ تولىمۇ زورۇرلىكىنى تەكىتلىمەكچىمەن.» دېدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ سۇنغان كونكېرت، دەلىل – پاكىتلىق ئىلمىي مەلۇماتلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى كەچتە پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇنىڭ شەرىپىگە ئۇيغۇر تاماقلىرى بىلەن ئالاھىدە زىياپەت پىروگراممىسى ئۇرۇنلاشتۇردى. زىياپەتكە تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى، تۈركىيەدە ھەر ساھە بويىچە تونۇلغان ئالىملار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.
Leave a Comment