ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىتىۋاتقان ئەقلىيفون، بارماق دىسكا، خاتىرە كومپيۇتېر، ئايپەد قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ساقچى پونكىتلىرىدا مەخسۇس تىزىملاش ۋە تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدۇق. ئەركىن ئاىسيا رادىئوسىدا بۇ ھەقتە خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم رادىيومىزدا، خىتاينىڭ رايوندا كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇر ئالاقە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقىمۇ ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىغا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى مەسىلىلەرنى سۆزلەشتىن توسۇش بىلەن رايوندىكى مەسىلىنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ، بۇ ھەددىدىن ئاشقان كونتروللۇق تەدبىرلىرى مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلالمايلا قالماي، بەلكى يەنىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيمىز» دەپ بىلدۈرگگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا بىر تۇتاش تىزىملاش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا 1-ئاۋغۇستقىچە بارلىق ئاھالىلەر تېلېفون، كومپيۇتېر، بارماق دىسكا، يان دىسكا ۋە ساقلىغۇچ قاتارلىق خۇسۇسى ئېلېكترونلۇق بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە ساقچىخانىلىرىغا ئاپىرىپ ئاكتىپلىق بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى، بۇلاردىن ئالاقىدار بايقالغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن سىن پروگراممىلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقى، ئەمما ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش باسقۇچى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بولسا، بۇ خىلدىكى قانۇنسىز دەپ بېكىتىلگەن مەزمۇنلارنى يوشۇرغانلىقى، چۈشۈرگەنلىكى، ساقلىغان ۋە تارقاتقانلىقلىرىغا ئائىت پاكىت بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا ھەتتا «ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىمۇ بىردەك قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دەپ ئايرىم ئىزاھلىنىشىدىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئاي ئېلىپ بارىدىغان خۇسۇسى ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رايوندا بەرپا قىلىنغان مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش نازارەتچىلىك ۋە مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىنماقتا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە داۋاملىق يېڭى مەلۇمات ۋە ئىنكاسلار كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدىن يېقىندا چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققان، ۋاقتىنچە سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر چارشەنبە كۈنى، «ئۇچقۇن» تەخەللۇسى بىلەن رادىئومىزغا يوللىغان ئېلخېتىدە مۇنداق يازغان: «يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان، ئەقلىيفون ئۇيغۇرلارغا تارىخى يوقىتىش ئەپكەلدى. ئۇيغۇرلار ئۆز بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ يېڭى ئەۋلاد ئەقلىيفونلاردىن ۋاز كېچىپ، ئادەتتىكى كونا نۇسخا يانفونلارنى ئىشلىتىشكە يۈزلەندى. نېمىشقا دېسىڭىز، تېلېفون ئارقىلىق ئادەم تۇتۇش -بىرىنچىدىن تۇتۇلغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ئىككىنچىدىن سوت ئىچىلىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا (بىر ئاي ئىچىدە تۈگەيدۇ ھەممە جەريان )، ئۈچىنچىدىن پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملاشقان، تۆتىنچىدىن ھەممە ئادەم ئىزچىل قورققان بىر چوڭ يۈزلىنىش. بۇنىڭ تەسىرى بەك زور، ۋەتەندە ئەقلىيفۇندىن ۋاز كەچكەن ئۇيغۇرلار ناھايىتى كۆپ. قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەندىكى تېلېفون سودىگەرلىرى كىشىلەر ئىشلەتمەيدىغان ئالما، سامسۇڭ، سوني، ئەكېسپىرىيە، خۋاۋىي، ليەنشياڭ قاتارلىق ماركىدىكى ئەقلىيفونلارنى، ئەقلىيفون ئىشلىتىشتىن قورققان كىشىلەردىن ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ ئۈرۈمچىگە ئەكېلىپ ساتىدۇ. يوللىغان ئاللا، دىن، ھەدىس، قۇرئان، مەسچىت سۈرىتى، ياغلىق ئارتقان ئايال سۈرىتى، تۈركىيە بايرىقى، ئەردوغان، پولات ئەلەمدار، قەبرىستان سۈرىتى، بىرەر چولپانلارنىڭ قورال تۇتۇپ تۇرغان سۈرىتى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇنلار سەۋەبىدىن 7 يىلدىن 20 يىلغىچە كېسىلگەن تېلېفون ۋەقەسىگە چېتىشلىق پالاكەتكە ئۇچرىغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.»
بۇ زىيالىي يەنە، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ۋاقىتلىق بولۇپ، خىتاي بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالمايدۇ، ئالدى بىلەن ئىچكى قىسمىدا بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقلار ناھايىتى كۆپ. جۈملىدىن خىتاي ھوقۇق قاتلىمىدىمۇ بۇ خىل سىياسەت زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ ئەمىنلىككە زىيانلىق دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا خىتاي ئاممىسىمۇ يۇقىرى بېسىم ئىلىپ كەلگەن قۇلايسىزلىقلاردىن ئىنتايىن نارازى. خىتاينىڭ بۇ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئىككى تۈرلۈك مەقسەتكە ئىگە، بىرى، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق چۈچۈتۈپ يۈرىكىنى مۇجۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ نورمال ۋە تىنچ كۈنلەرنى قەدىرلەش ئېڭىنى سىڭدۈرمەكچى، يەنە بىرى، ۋەزىيەتنى قايتا مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىدۇر، قايتا مۇقىملاشتۇرۇش دېگىنىمىز، پات-پات قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق مۇقىملىق زەنجىرىنى قەدەممۇ-قەدەم چىڭىتىپ، بارلىق خەۋپلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقنى يوقىتىش دېمەكتۇر.».
خىتاينىڭ رايوندا شەخسلەرنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىگە قارىتا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىبلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدى ئىنكاسىنى قوزغىدى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەت باستۇرۇشلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان نۇقتىلىرىنى تەقىب قىلىپ كەلدى، بۇ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان ھەرخىل چەكلىمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىدە ئالىدۇ. بىز پاسپورت ئېلىش مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدۇق. بىز يېقىندا يەنە، ساقچىلارنىڭ شۈبھىلىك DNA ئۆرنەكلىرىنى يىغىش قىلمىشى، ئىنتېرنېتنى كۆزىتىش ياكى ئۇنىڭغا چىقىشنى پەقەت چەكلەش قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك ۋە كۆزىتىش قىلمىشلىرى ھەققىدىمۇ بايانات ئېلان قىلدۇق. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش، بىر تەرەپتىن بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن كونترول قىلىش ۋە كۆزىتىش ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما بۇ، كىشىلەرنى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىپ تەكشۈرتكۈزۈش ئۇقتۇرۇشىدىن بىز، رايوندىكى چەكلىمىلەرنىڭ بىر يېڭى ۋە ئادەمنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغان تېررىتورىيىگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر ئاي داۋام قىلىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن سىنلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن قانۇن تۈزۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سوفى خانىم خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ خۇسۇسى ئالاقە بۇيۇملىرىنى يىغىش، تەكشۈرۈش ھەرىكىتى يېقىدىن بۇيانقى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇر ئالاقە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتەك ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق دەپ تەنقىد قىلدى: «بۇنىڭدىكى بىر ئېھتىمال، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئالدىنئالا بىلىنىپ بولغان بولسا، ئۇلار بۇ چارىنىڭ كىشىلەرنىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلغاندا نېمىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بۇ يەردە كۆزىتىش ۋە كونترول ئوبيېكتى بولىدىغىنى ئاشۇ ئۈسكۈنىلەر.
خىتاي قانۇنىدا بۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغان ماددىمۇ يوق. مەنچە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ياكى خىتايدىكى خەلقلەر ۋە ياكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ھەر زامان ئۆزى كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوچۇق ئاشكارا سۆزلىشىش يولىنى تاپالايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى قاراشلىرىنى باستۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى تېخىمۇ چوڭ ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلگەن.
كىشىلەرنى ئۆز مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن توسۇش مەۋجۇت مەسىلىلەرنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ.
قارىشىمىزچە، بۇ مەيلى پاسپورت ئېلىش مەسىلىسى، دىنىي ئېتىقادى چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسى، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش مەسىلىسى بولسۇن، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دەرد-ئەلەملىرىگە قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئۇنۇم بېرىدىغان چەكلەشكە ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەتلا خالاس.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا كىشىلەرنى بۇلار ھەققىدە سۆزلىشىشتىن توسۇش ئارقىلىق مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسىي يوق.
بىزنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئوخشاش مۇھىم خەۋەر قاناللىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى. ئەمما مەنچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۆلەت مەنپەئىتىگە بېرىپ چېتىلىدىغان دۆلەتلەر ھەمدە مۇسۇلمان ئەللەر ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان دىنىي چەكلىمە مەسىلىگە كۆڭۈل بولۇشى كېرەك.
مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى
Leave a Comment