قەھرىمانلىرىمىزنى تونۇيلى، ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزەيلى

بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە، ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان ئىنسانلار بەزى مىللەرلەردە 10 يىلدا، بەزى مىللەتلەردە يۈز يىلدا بىر قېتىم چىقىدۇ، ئەمما، بىزنىڭ خەلقىمىزدا، يىلدا، ۋە بەلكىم ھەر ئاي ، ھەر كۈندە بىرسى چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. 10 يىلنىڭ ئالدىدا پراففىسور ئىلھام توختى خىتاينىڭ پايتەختىدە تۇرۇپ، خىتايغا قارشى گەپلەرنى قىلغان بولسا، بەش يىلنىڭ ئالدىدا، مىرادىل ھەسەن، ئۇيغۇرىستان شۇئارى بىلەن خىتاينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، خىتايغا گويا جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە، قۇمۇلدىن بىر دېھقان خانىم، ئاددىي تىلى، يۈرەكنى تىترىدىغان يىغىسى ۋە دۈشىمىنىمىزگە قارىتا چەكسىز بىر نەپرىتى بىلەن يەنە بىر رەت مىللىتىمىزنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاشكارلىدى.
» دۇنيادا بىزگە ئىگە چىقىدىغان بىر دۈلەت يوقمۇ» دېگەن بۇ مۇراجىئەت كىشىدىن ھەقىقەتەن كاتتا بىر جاسارەت ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى شىكايەت قىلىۋاتقان دەرت يەنى تارتىۋېلىنغان يەر، يالغۇز بىر كىشىلىك يەر ئەمەس، شكايىتىدە دىيىلگەندەك دېھقانلارنىڭ‏- ئۇيغۇرنىڭ يېرى. يەرنى تارتىۋالغان، بىر شىركەت ياكى كەنت ئەمەس، » يەر دۆلەتنىڭ » دېگۈزىۋاتقان مۇستەملىكىچى خىتاي دۆلىتى.

» ھۆكۈمەت كۈچلۈك بولغاندىكىن، جېنىمىزنى بۇنچە قىينىغىچە، بىزنى ئېتىۋەتسە، قىرىپلاۋەتسە بولمامدۇ» دېگىنىگە قارىغاندا، ئۇ ھەقلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەن، ئۇ خەلقئاارا جامائەتكە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، بىزدىن-چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن جىددىي بىر ھەركەت قىلىشىمىزنى كۈتىۋاىدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدىن، بۇ خانىمنىڭ ئىسمىنىڭ بېلىقىز ئىكەنلىكى مەلۇم.
بېلىقىز خانىمنىڭ ساداسى تورلاردا تارقالغىنى بىر ھەپتىچە بولغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە خەلقئاارا سەھنىلەرگە تېخى چىقمىدى.
قەھرىمالىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى تونۇش، قۇلاق سېلىش، قىممىتىنى بىلىش، بولۇپمۇ ئۇنى تېگىشلىك بولغان خەلقئاار سورۇنلارغا، ئورگانلارغا يەتكۈزۈش، بىز چەئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن چوڭ بىر ۋەزىپە.
شۇڭا مەن بارلىق پائالىيەتچىلىرىمىزنى بۇ خانىمنىڭ سۆزلىرىنى تەرجىمە قىۇلىپ ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئالاقىدار ئورگان، ئاممىۋي تەشكىلات ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈشنى ۋە ئۇلاردىن بېلىقىمىز خانىمنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.

رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*