ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن مەمنۇنمىز، تېخىمۇ كەسكىن ئىپادە ئۈمىد قىلىمىز

Rebiya Kadeer in a photo taken in 2007.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ 77 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى بىزنى-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. شۇنداق، گەرچە ئەردوغان سۆزىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ھاللىرىمىزدىن بىرى بولغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېردا جان تالىشىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق رېئاللىقىمىزنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ؛ چەتئەلدە يۈزمىڭلارچە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە -تاۋابالىرى بىلەن 7 يىلدىن بېرى تېلىفوندىمۇ سۆزلىشىش ئىمكانىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتمىگەن بولسىمۇ, يېقىنقى 3 يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تىك سىزىقلىق تۆۋەنلىگەنلىكىدەك خەتەرلىك ۋەزىيەتنى بايان قىلمىغان بولسىمۇ، يەنىلا نامىمىزنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىن سۆيۈندۇق.
چۈنكى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ -مەيلى دىپلوماتىيە مەيلى ئىچكى سىياسىيىتى جەھەتتە بولسۇن- تۈپ مەقسىتى دۇنياغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، ئۆزلىرى سادىر قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيانىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇش. دەل مۇشۇ مەقسەتتە خىتاي ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ھازىرلىغان ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى بىر يىل كېچىكتۈردى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنىمۇ توسۇپ قالدى. ھەر يىلى ھەر ئايدا ئۆزىگە يانداش دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى « شىنجاڭ زىيارىتى» گە تەشكىللەپ، سۈنئىي سەھنىلەرنى كۆرسىتىپ، قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەدەزلەۋاتىدۇ ۋە ھەتتا بۇ جىنايىتىگە قېرىنداش ۋە قوشنا دۆلەتلىرىمىزنى دۇمباق چالغۇزىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەردوغاننىڭ ب د ت يىغىندا، نامىمىزنى تىلغا ئېلىشى تارىخىي بىر ۋەقە، بىزگە ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدىغان مەردانە بىر پوزىتسىيە.
شۇنداق، سۆيۈندۇق، ئەمما سۆيۈنچىمىز يۈكسەك بىر پەللىدىمۇ ئەمەس، چۈنكى ، پەلەستىن، ئۇكرائىن، سۈرىيە ، ھەتتا روھىگا مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئارقىسىدىن تىلغا ئېلىندۇق. سۆيۈندۇق، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئەردوغان ئەپەندىمنىڭ سۆزىدە خىتايغا قارىتا بىر كەسكىن تون، خەلقئاراغا قارىتا جىددىي مۇراجىئەت، ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئوڭشۇژۇشى ئۈچۈن بىر جۈملىلىك بولسىمۇ كونكىرت بىر تەلەپ ۋە تەشەببۇسنى ئاڭلىمىدۇق.
شۇنداقتىمۇ، ئەردوغان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇماسلىقى، بىرقانچە خەلقئارا مەسىلىدە ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ، بىزنىلا ئەمەس، دۇنيادا ھەق ۋە ئادالەتنى ياقلايدىغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى، بولۇپمۇ مەزلۇم ۋە مەزلۇمنى ياقىلايدىغان خەلقلەرنى سۆيۈندۈردى. بۇ جەسۇرلۇق ئەردوغاننىڭ ھەق ۋە ئادالەت چاقىرىقىدىكى سەمىمىيىتىنى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى.
چۈنكى ئەقلى ۋە ۋىجدانى ئويغاق ئىنسانلارغا مەلۇمكى ، بۈگۈن دۇنيادىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش مەيدانلىرىدا قان ئېقىۋاتقان بولسا ؛ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە قان يىرىڭغا ئايلىنىۋاتىدۇ، بەدەنلەر چىرىۋاتىدۇ؛ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ جەسىتىگە ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر ئانىلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ جەسىتىگىمۇ، ئۆلۈم ئۇچۇرىغىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، يىغلىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا جەسەتلەر سانىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى جەسەتلەر سانالمايۋاتىدۇ، خىتاي ساناشقا ئىمكان بەرمەيۋاتىدۇ.
دەردىمىز نۆۋەتتىكى ئۇرۇش رايونلىرىدىن نەچچە ھەسسە بەتتەر ھالەتتە. مەسىلىمىز يۈكسەك توندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا مۇناسىپتۇر، جىددىي چاقىرىقلارغا مۇھتاجدۇر.
بىز قېرىندىشىمىز تۈركىيەنىڭ خەلقئاارا سەھنىدىكى ئاكتىپ رولىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشى ئارزۇ قىلىمىز، ئاللاھ تۈركىيەنى ئامان ۋە كۈچلۈك قىلسۇن!
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*