(سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇش قارارى توغرىسىدا)
سۈرىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى باشلانغۇچتىن ئۇنىۋېرسىتېتقىچە ھەقسىز ئوقۇتۇپ بېرىش قارارى بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، شەخسەن مېنى سۆيۈندۈردى. سۆيۈنچىم كىچىككىنە بولسىمۇ يۈكىمىزنىڭ يېنىكلىگەنلىكىدىن بەكرەك، بۇ قاراڭغۇ كۈنلىرىمىزدە، بىر دۆلەتنىڭ بىزنى چۈشىنىشى ۋە ھىمايە قىلىشىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ چۈشىنىشتە، سۈرىيەدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بىر مەزگىللىك ھەمكارلىقى ۋە سەپداشلىقىنىڭ تۈرتكىسى ۋە يۈز خاتىرىسى بار دەپ بىلىمىز.
ئەمما مىللىتىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان يېقىنقى دەۋرلەردە، دوست ۋە قېرىنداش ئەللەر تەرىپىدىن بۇزۇلغان ۋەدىلەرگە، چەيلەنگەن ھەمكارلىق پىرىنسىپلىرىغا، ھەتتا ساتقۇنلۇقلارغا كۆپ شاھىت بولدۇق.
ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز 7 يىلدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە چىرىپ كېتىۋاتقان بۇ يىللاردا خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتى مەسىلىمىزنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى كېرەك ئىدى. بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئەلىرىمىزگە يېقىندىن شاھىت بولۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلىرىمىز ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنىلىرىمىز بىزگە قۇچاق ئېچىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە، ئۇلار بىزگە دۈمبىسىنى قىلىۋالدى، ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇردى. ئوتتۇرا شەرقتىن تەشكىللەنگەن ئاتالمىش ئۆلىمالار، خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۇرتىمىزنى زىيارەت قىلىپ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا چاۋاك چالدى؛ ھەتتا ئىسلام تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاپ 3 قېتىم بايانات بەردى. غەرب دۆلەتلىرى ۋەزىيىتىمىزنى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان بولسىمۇ، ئەمما قوللىشى ھېسداشلىقتىن ئەمەلىي بىر تەدبىرگە ئۆتەلمىدى. مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلىرىمىزدە يېڭى قۇرۇلغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە ئىگە چىقىشى بىزگە زور ئىلھام بولدى ۋە ئۈمىد بەردى. شۇنداقلا دۇنياغا، جۈملىدىن ئىسلام ئالىمىگە بىر دەرس بەردى، بىر ئۆلگە كۆرسەتتى.
ۋەتىنىمىز 1949-يىلى ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان خىتاينىڭ دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىم ۋە باستۇرۇشلىرىغا بويۇن ئەگمەي كەلگەن بولساق، دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈندۇر. قېرىنداش ئەللەر تەرىپىدىن خىيانەتكە ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىمىزدا يەنە ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىغان بولساق، ئىلاھىي ئادالەتنىڭ ھامان بىر كۈنى چاقنايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ كۆرۈنۈشتىكى تەرەققىياتلىرىغا قىزىقماي ۋە ھەۋەس قىلماي، سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە ئېرىمەي كېلىۋاتقان بولساق، مۇسۇلمانلىقنى ئاساس قىلغان مىللىي مەدەنىيىتىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ كەلگىنىمىز ئۈچۈندۇر. سۈرىيەنىڭ مەزكۇر قارارىدىن، بۇ ئىپتىخارىمىزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنىڭ يەنە بىر پاكىتىنى كۆرگەن بولدۇق.
راست گەپنى قىلسام، ئەندىشىلىرىم يوق ئەمەس ئىدى. چۈنكى، خىتاي چوڭ بىر ئىقتىسادىي كۈچ، خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاشتا ۋە ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە، بۇ كۈچىنى «سېخىيلارچە» قوللىنىپ كەلدى. شۇڭا يېڭى قۇرۇلغان سۈرىيەمۇ، خىتاينىڭ قىلتاقلىرىغا دەسسەپ كېتەرمۇ – سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسى خەتەرگە ئۇچرارمۇ دېگەن ئەندىشە بىزنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بۇ قارارى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتلەرنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان، زالىمغا يانتاياق بولمايدىغان ئالىيجاناب روھىنى ئەمەلىي بىر قەدەم بىلەن نامايەن قىلدى، بىزگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ قىلسۇن، ئۇلارغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلسۇن ۋە توغرا يولدىكى قەدەملىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلسۇن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
15-فېۋرال، 2025، ۋاشىنگتون
Leave a Comment