رابىيە قادىر : تايلاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ خەلقئاارا مۇناسىۋەتلىكلەردىكى ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى

27 » ‏-فېۋرال» تارىخىمىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز قاراڭغۇ كۈنلەردىن بىرىگە ئايلاندى. خىتاي 11 يىللىق بېسىم ۋە ئالداشلىرىدىن كېيىن، تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكەتتى. دۇنيادىن ئىنسانىي ياردەم كۈتكەن 40 قېرىندىشىمىز، خىتاي-تايلاند شېرىكچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانلاندى. شاھىت بولدۇمكى، بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئاارا تەشكىلاتلار بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمما خىتاي-تايلاند ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالدى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلەتۋاتقان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى خىتاي ۋە تايلاندقا بەزى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن بولسىمۇ، خىتاينى پەيلىدىن ياندۇرۇشقا يارىمىدى. نەتىجىدە خەلقئاارا مۇناسۋىەتتىكى ئادالەتسىزلىكنىڭ يەنە بىر قېتىم قۇربانىغا ئايلاندۇق.

خىتاي تەرەپ بۇ قېتىم، تەشۋىقاتىدا پەرقلىق بىر يول تۇتتى، قايتۇرۇلغانلارنىڭ چىگرا ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكى، يۇرتدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ تەلىبى بويىچە قايتۇرۇپ ئەكەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، تايلاندمۇ، خىتاينىڭ ئۇلارنى جازالىماسلىققا ۋە ئائىلىسىگە قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. دېمەك ھەر ئىككى تەرەپ، شېرىكلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى يوشۇرۇشنىڭ كويىدا. پاكىتلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، خىتاي چىگراسىدىن رۇخسەتسىز چىققان، ب د ت دىن پاناھلىق تىلگەن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرىدىن ياردەم سورىغان، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جازاسىز قېلىشى مۈمكىن ئەمەس؛ بىر-ئىككىسى كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، بۇ قايتا تۇتۇلماسلىقىنىڭ كاپالىتى ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ پاناھلانغچىلار، ئامال بولمىغاندا تايلاند تۈرمىسىدە قاپقېلىش، ئەمما خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقنى مۇراجىئەت قىلغان . بۇ مۇراجىئەتمۇ رەھىمسىزلەرچە ۋە نومۇسسىزلارچە رەت قىلىندى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدى بىلەن ئىنسان قېلىپىغا تېخىچە كىرىپ بولالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە پۇل ئۈچۈن جىنايەتكە شېرىكلەشكەن تايلاند ھۆكۈمىتىگە لەنەت ئوقۇيمەن.
دۇنيا جامائىتى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، ھازىر قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس، چەتئەل سەپىرىنىڭ ئالدى ۋە داۋامىدا ئۇچراشقان، ئالاقىلاشقان بارلىق ئۇرۇق-تۇققان ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا. خىتاي نۆۋەتتە بۇ قايتۇرۇپ ئەكەتكەنلىك » غەلىبىسى» كۈچەپ تەن-تەنە قىلىۋاتىدۇ. مەقستى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش ۋە خەلقئاارا ئادالەتتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندۈندۈرۈش. خىتاينىڭ بۇ تۈر ئىجرائات ۋە تەشۋىقاتلىرى، ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە قىلچە ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش خىيالى يوقلۇقى، ئۆتكۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن قىلچىمۇ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ھېس قىلمايدىغانلىقى ۋە ئەكسىچە ئىپتىخارلىنىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. خىتاينىڭ دىكتاتور رېجىمى سەۋەپلىك دۇنياغا كەڭرى يېيىلغان خىتاينىڭ كوۋىد ۋاباسى، دۇنيادا 7 مىليون ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغۇنىدەك، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تەبىئىتىدىكى بۇ ياۋۇزلۇقمۇ ، بۈگۈن بىزنىڭ جېنىمىزغا زامىن بولۇۋاتقان بولسا، ئەتە باشقا ئەللەرگىمۇ تولدۇرغۇسىز زىيان-زەخمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى تامامەن مۈمكىن . شۇڭا مەن خەلقئاارا جامائەت ئىچىدىكى ھەقنى ياقلىغۇچى ۋە دۇنيا تېنچلىقىنى كۆزلىگۈچىلەرنى خىتاينىڭ بۇ ياۋۇزلۇقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا، خىتاي بىلەن تايلادنىڭ پاناھلانغۇچىلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇش زوراۋانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ۋە ئۇلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمەن

Leave a Comment

*

*