خىتاي دۇمباقچىلىچىقى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا ياراشمىدى


رابىيە قادىر، شۆھرەت ھوشۇر
بىر قىسىم تۈرك مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەتىمىز شەرقى تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قلىۋاتقان تەسىراتلىرى بىزنى بىئارام قىلدى. بىئارامچىلىقىمىز، بايانلىرىنىڭ تەسىر كۈچىدىن ئەمەس، » تۈرك مۇخبىرلىرى» دېگەن بۇ نامنىڭ، تېىخىمۇ مۇھىمى » تۈرك» دېگەن قەلبىمىزدىكى بۇ ئۇلۇغ نامنىڭ خىتاي دۇمباقچىلىرىنىڭ قاتارىدا ئورۇن ئېلىشى. بىز ھەقىقەتنىڭ، ئادالەتنىڭ ، باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدىغان بۇ ئوبرازنىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ زالىمغا يانتاياق بولۇشى، ئۇنىڭغا خوشامەت قىلشى. خىتاي 7 يىلدىن بېرى تەشكىللەۋاتقان بۇ خىل قورچاق زىيارەتلەرگە ئوخشاشلا ۋەتىنىمىزدە پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز.

زىيارەتچىلەردىن مەردان يانارداغ ئۆزلىرى ئۇچراتقان- توپلۇشۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كىشىلەرنى ، ئۇلارنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ ئىسپاتى دەپ تەسۋىرلەپتۇ. ھەتتا، كۆرگەنلىرىنىڭ ھېچقانداق مۇراسىم ئورنى ياكى ۋاقتى ئەمەسلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپتۇ.ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇسسۇلنى توي-توكۇن، ھېيت-بايرام، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ئوينايدۇ. ئەگەر بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر توپ كىشى سەۋەپسىزلا ئۇسۇلغا چۈشكەن بولسا، بۇلار چوقۇم ئەقلى ۋە پىسخىكىسى بىنورمال كىشىلەر ياكى ئۇسۇل تەشكىللەنگەن بىر پائاليەت بولغان بولىدۇ. ئوتتۇرىدا بىر رىياسەتچىنىڭ ۋە تەرتپ ساقلىغۇچىنىڭ يوقلۇقى مۇخبىر دېگەندەك سەھنىنىڭ تەبىىلىكىنى ئەمەس، تەشكىللىگۈچىنىڭ ئۆزىنى دالدىغا ئالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ زىيارەتچىلەر، مۇشۇنچىلىك بىر ھەقىقىتنى بايقىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەخمەقمىدۇر ياكى سەھنە ئۇلارنىڭ زىيارەت مۇددئىسىغا ئۇيغۇن كەلگەنلكى ئۈچۈن بىلمەسكە سېلىۋاتامدۇ؟ ئۇسۇل ئوينىغۇچىلارنىڭ چېھرىدىن مەلۇمكى ئۇلار ۋاقىت ۋە سورۇن تاللىماي ئۇسۇلغا چۈشىدىغان دەرجىدە بىنورمال ئىنسانلار ئەمەس، مەجبۇرى ئەكىلىنگەنلىكى ئېنىق. ئېلىكترونلۇق نازارەت سېستىمىسىدا باشقۇرۇرىلىۋاتقان بىر جەمىيەتتە تەرتىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ئۈجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى ئەسلىدە!

زىيارەتچىلەردىن مەھمەت ئەلى گۈلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنمىگەنلىكىگە شاھىد بولغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ ، مىسال سۈپىتىدە ۋىۋىسكىلارنىڭ ئىككى خىل تىلدا يېزىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرچە گېزىتنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىپتۇ. شۇسى ئېنىقكى، تىل چەكلەندى دېگەنلىك، «بۇ تىلنى سۆزلىشىدىغان بىر ئادەم قالمىدى» دېگەنلىك ئەمەس. دېيىلىۋاتقىنى،» ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپ يوقالدى، ئۇيغۇر تىلىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى يوقىتىلدى» دېگەنلىكتۇر. ئەلۋەتتە ۋىۋىسكىلاردا ئىككى خىل يېزىقنىڭ بولۇشى، مەۋجۇد رېئاللىقنى پەدەزلەش ئۇچۇندۇر؛ ئۇيغۇر تىلىدا بىرقانچە رادىئو ۋە گېزىتنىڭ ساقلىنىپ تۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ، خىتاي تىلى بىلمۈيدىغان خېلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش -ئۆزلىرىنىڭ سىياسەت -قانۇنلىرىنى ئۆگىتىش ئۇچۇندۇر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ كوچا تىلى بولۇپ داۋام قىلىشى خىتاينىڭ مەرھەمىتىدىن ئەمەس، تىلنىڭ تەبىي ئۆزىنى ساقلاش فونكىتسىيەسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مەدەنيىەتىگە مۇھەببەت ۋە ئەجداتلىرىغا ساداقىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

زىيارەتچىلەر يەنە ئۈرۈمچىدە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى كۆرمىگەنلىكىنى ۋە ھېچكىمنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى بار دېمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھوكۇمىتىدىن لاگىرنى كۆرسىتىشنى كۈتۈش، لاگىرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلقتىن لاگىرنىڭ بارلىقىنى پاش قىلىشنى ئۈمىد قىلىش، نورمال بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس. خىتاي يىغىۋېلىش لاگىرلىرى بارلىقىنى ، ئۇنىڭ ئاتالمىش كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى ئىكەنلىكىنى ، قۇرۇلۇپ ئىككى يىل ئۆتكەندە ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىپ بولغان . ئەگەر مەزكۇر زىيارەتچىلەرنىڭ لاگىرلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئارزۇسى راست بولسا، ئۈرۈمچىگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛چۈنكى ئىستانبۇلدىكى 30مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن خالىغان 100 نەپىرى بىلەن كۆرۈشسە، ئۇلارنىڭ 95ئى ئائىلىسىدىن بىر بىلەن 5كە قەدەر كىشىنىڭ غايىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ؛ بۇ دەرىجىدە زور غايىپلىقنىڭ سىرى پەقەت يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەنلا ئىزاھلىنالايدۇ.
مەردان يانارداغ ھىچ ئىككىلەنمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۈكسەك ئىكەنلىكىنى، بوينىدىن باغلاپ تارتسىمۇ تۈركىيىگە كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تىزىمىدىكى 30مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قانداق كېلىپ قالغاندۇ؟ بۇ باياندىن قارىغاندا ، بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ پاكىت ۋۈ مەنتىق دېگەن بىر ئۇقۇمى يوقتەك ، پەقەتلا تەشۋىقاتچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، بۇ سەپەردە يىگەن-ئىچكەن، ئوينىغان-كۈلگەنلىرىنىڭ ھەققىنى بېرىۋېتىش ۋە يەنە بىر قېتىملىق كوڭۇللۇك سەپەرگە يول ھازىرلاش كويىدىدەك قىلىدۇ.
گەرچە بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ تۈرك خەلقىغىلا ئەمەس، تۈرك مۇخبىرلىرىغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسەكمۇ، بۇنچە ئەرزان نەپسى يامانلىقنى 3 قىتئەنى 500 يىلدىن ئارتۇق ئىدارە قىلغان بىر مىللەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىغا ئۇيغۇن كۆرمىدۇق. بۇ خوشامەت، بۇ ئەخمەقلىق، بۇ مەنپەئەتپەرەستلىك تۈرك مۇخبىرلرىنىڭ مۈيلى سول ، مەيلى كومۇنىست، مەيلى لىبىرال ھىچقانداق بىر تەبىقىسىغە ياراشمىدى. بىز تۈرك خەلقىنى ھەققانىي بىر جامائەت پىكرى جاازسى بىلەن بۇلارنىڭ ھەددىنى بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز. بۇ مۇخبىرلار ئەنقەرەدىكى خىتاي كونسۇلخاسى تەمىنلىگەن ئىمكانلار بىلەن ۋەتىنىمىزنى بىر ھەپتە زىيارەت قىلىپ بۇ دۇمباقنى چېلىۋاتقان بولسا، بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ زېمىندا تۈغۇلۇپ ئۆسكەن، » ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش»قا مەجبۇر بولغان ۋە بۇ سەۋەپتىن ھەر بىرىمىزنىڭ 10-20 لاپ ئۇرۇق-تۇغقانلىېرى تۈرمىدۈ جازا ئۆتەۋاتقان گۇۋاھچىلار سۈپىتىدە خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزىۋاتىمىز. خەلقمىز ھەق -ئادالەت ۋە مىللىي ئازاتللىق كۈرىشىدە بۇرۇندىنلا تۈركلىكتىن، تۈركىيە جۇمھۇريىتىدىن ئىلھام ئىلھام ئېلىپ كەلگەن. شۇڭا بىز تۈرك خەلقىدىن ئاۋازىمىزغا ئاۋاز قوشۇپ بېرەلمىسىمۇ، توسالغۇ بولماسلىقنى، دۈشمىىنىنىمىزنىڭ دۇمبىقىنى چالمھسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.