پىداكار سەبدىشىمىز پەرھات يورۇڭقاشنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

رابىيە قادىر

قەدىر-قىممىتىمىزنى ئۇرۇمچىدىن باشلاپ بىلىشكەن، ھەمكارلىقىمىز، شۇ يەردىن باشلانغان ئىدى. 2005-يىلى تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ مۇھاجىرەتتە ھەرىكەتكە ئوتكىنىمدە ، ئۇ مەن بىلەن ئەڭ دەسلەپ قول تۇتۇشقانلاردىن بىرى. بۇ جەرياندا ئۇ، بەزىدە سىياسىي مەسلىھەتچىم، بەزىدە كاتىبىم، بەزىدە سەبدىشىم بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى؛ سەپەرلىرىمدە بەزىدە شوپۇرۇم ، بەزىدە ئاشپىزىم بولۇپ خىزمەت قىلدى. خىزمەتنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىمىدى، ۋەزىپىنى يۇقىرى-تۆۋەن دەپ تاللىمىدى؛ ۋەزىيەتتىن نىمە تەقسىملەنسە شۇنى ئۇستىگە ئالدى، ئۇستىگە ئالغان ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلدى. ئاخباراتچىلىق ئۇنىڭ ئاساسلىقى خىزمەتلىرىدىن بىرى بولدى؛ ئەمما ئەمگەكلىرىگە ئاساسەن ھەق ئالمىدى. 4 جانلىق بىر ئائىلىنىڭ دادىسى بولغان بىر كىشى ئۇچۇن، بۇنداق پىداكارلىقىنى بىر يىل، ئىككى يىل قىلىش ئاسان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما 30 يىل قىلىش ، قىلغاندىمۇ، ئىزچىل قىلىش ئاسان ئەمەس. پەرھات يورۇڭقاش دېگەن بۇ ئىسىم، 1990-يىللاردا تۈركىيىدە چىققان شەرقى تۈركىستان گېزىتى، شەرقى تۈركىستان ياشلىرى، گېرمانىيىدە چىققان بىرلىك جورنىلى، ئۇچقۇن گېزىتى قاتارلىق بارلىق گېزىتلەردە ۋە بىر قىسىم كىتابلاردا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ سىماسى شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېلىۋىزىيەسى قاتارلىق كۆك بايراق لەپىلدىگەن ھەممە ئىكرانلار تەڭ پەيدا بولىدۇ. مەرھۇمنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىشى جاپالىق بولغان، تۈركىيىدە پاناھلىنىپ تۇرغان يىللىرىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن؛ گېرمانىيىدىكى تىرىكچىلىك ھاياتىمۇ، ئۇنىڭ بىلىمى، كەسپىي، مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە يۇكسەكلىكتە بولمىدى؛ ئەل قاتارى بىر خىزمەت بىلەن ئائىلىسىنى قامدىدى. ھايات يولىدىكى بۇ قىيىنچىلىقلار، ئۇنىڭ تەشكىلاتچىلىق ۋە ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىدىكى قىزغىنلىقىنى پەسەيتەلمىدى.
ئۇ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ھېچكىمدىن قاخشىمىدى، ھېچكىمدىن ياردەم كۈتمىدى، دۇچ كەلگەن قېيىنچىلىقلىرىنى يۇمۇرغا ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپىدىكىلەرگە روھ بەردى. داۋادا پىداكارلىقنىڭ بىر ئۈلگىسى. چەتەلدىكى سانىمىزنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن، پەرھات يورۇڭقاشتەك پىداكار كىشىلەرنىڭ سانى ئېھتىياجىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بەكلا تۆۋەن. مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمى، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكىتىمىزدە بىر بوشلۇق پەيدا قىلىدۇ؛ ئاللاھ پەرھات يورۇڭقاشتەك، پىداكارلىرىمىزنى مىڭلاپ يېتىشتۇرۇپ، سېپىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرغاي، ئىشىمىزنى ئاسان قىلغاي. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتى فىردەفىس بولغاي!!!!
ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە، پۇتۇن ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا سەۋر ۋۈ چىدام ئاتا قىلغاي!!!!