يازغۇچى يۇجەل تانايغا ئوچۇق مەكتىپ

ھۆرمەتلىك يۇجەل تاناي ئەپەندى، مەن سىزنى بۈگۈنGە قەدەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يازمىلىرىڭىزدىن تونۇپ كەلگەن ئىدىم. بىز ھەققىدە يازغان خەۋەر-ماقالىلىرىڭىزنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇنىڭدىكى مىللىي ھىس-تۇيغۇلارغا قاراپ، سىزنى ئىسمىنى تۈركچە قويۇۋالغان بىر ئۇيغۇر يازغۇچى دەپ تەخمىن قىلىپ كەلگەن ئىدىم. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدا يازغۇچى، matbuat ھەق-ھوقۇمچىلىرىنىڭ ئىككى ئايلىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىڭىز ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرىدىغان بولسام، سىزنىڭ بىر تۈرك يازغۇچى ئىكەنلىكىڭىز ماڭا ئايدىڭلاشتۇردى ۋە ماڭا ئوي سالدى. Dىمەك قېرىندىش خەلقلىرىمىز ئىچىدە بىزنى بىزدىنمۇ تېخى ياخشى چۈشەنگەن، بىزنىڭ دەردىمىزنى بىزگە ئوخشىشىچە تولۇق ھېس قىلغان، بىز ئۈچۈن گەپ قىلىشنى مىللىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەت دەپ تونۇپ، ئۇنىڭ ئىجراسىنى كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىندۇرغان قېرىندىشلىرىمىز بار ئىكەن.

ئۆزى ئاياق بېسىپ باقمىغان زېمىندىكى قېرىندىش بىر خەلقتىڭ دەردىنى بۇ قەдәр تولۇق چۈشۈنۈش يالغۇز تىنماس كۆزىتىش ۋە ئىزدەشنىلا تەلەپ قىلىپ قالماي، يۇقىرى بىر مىللىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تەلەپ قىلىدۇ. سىزدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بەرگەن زېھنىڭىز، ۋاقتىڭىز ۋە پىداكارلىقىڭىز بىزنىڭ ئىچىمىزدە بىر قىسم زىيالىلىرىمنىمۇ ئويغا سالىدۇ دەپ ئويلايمەن ۋە ۋىجداننى ئويغاتىدۇ دەپ ئىشەنمەن.

ئۈستىڭىزدىن شېكايت قىلغان مېۋلۇدە ئەزىزلەرنىڭ ھاياتىدا جان بېقىشتىن باشقا ئارزۇسى بولمىغان، جېنىنى بېقىش ئۈچۈن ھەرقانداق نومۇسسزلۇق ۋە ساتقۇنلۇقتىن ئۆزىنى tartmaydighan ۋە ھەرقانچە ئېغىر تەنكېددىنمۇ بايرام بولمايدىغان بىرەسى ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇنداق مخلۇقاتلار ئۈستىدە گەپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئارتۇقچە. ئەمما مىللىتىمىزنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە — ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان لاگېرلاردا ئازاپ چېكىۋاتقان بۇ كۈندە، جىنايەتچى خىتاي دۆلىتى بىلەن بىر مەيداندە تۇرغان، ئۇيغۇر خەلقي ئۈچۈن ھەققنى سۆزلىگەن بىر يازغۇچى ئۈستىدىن شېكايت قىلىشقا يۈزى قىزرمىغان بۇ مەخلۇقاتنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەن.

شۇنداقدا، قانون دۆلىتىنىڭمۇ ئاجىز نۇقتىلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئالتۇندەك قىممەتلىك قانۇنىنىڭ خائىنلارمۇ، ساتقۇنلارمۇ پايدىلىنىۋالالايدىغان يوتۇقلۇرى بولىدۇ. بۇ نۆۋەت سىزنىڭ جازاغا ئۇچرىشىڭىز دەل شۇ يوتۇقتىن كەلگەن سەۋەب. ئىشەنىمەنكى، تۈρκىيە قانۇنلىرى مۇكەممەللىشىش جەريانىدا قېرىندىش خەلقلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلارىنى قوغدىيالايدىغان، ساتقۇنلىرىنى ۋە خائىنلىرىنى جازالايدىغان ماددىلارغا ئورۇن بېرىدۇ.

بۇ ئالغان جاۋاب سەۋەبلىك ميدانىڭىزدە ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقى، ئەكسىچە ھەق تەرىپتە تېخىمۇ چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭىز بايانات ۋە ئىنكاسلىرىڭىزدىن مەلۇم. بارەكاللا! ئاللاھ ھەق يولدىكى قەدىمىڭىزدىن گۈللەر ئۈندۈرگۈسۇن، تېنىڭىز سالامەت بولغاي!!!

رابىيە قادىر