
(ئۇستاز ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە)
ئەخمەت ئىگەمبەردى دېگەن بۇ ئىسىم مېنىڭ قەلبىمدە، جاپادىن قاچمايدىغان، يولىدىن يانمايدىغان ،مەيلى چوڭ ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، مىللەتكە مەنپەئەتلىكلا بولسا، ئالغا قاراپ ئىنتىلىدىغان كۇرەشچان بىر روھنىڭ سىمۋولىدۇر.
مەرھۇمنىڭ ھاياتىنىڭ كوپ قىسمى تۇرمە ۋە ھىجرەتتە ئوتتى، چەكلىك ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللىتى ئۇچۇن ئوچمەس خىزمەتلەرنى قىلدى؛ ئوقۇش، ئىزدىنىش، ھەقنى يېزىش ۋە سوزلەش، ئەتراپدىكىلەرنى ھەق يولغا تەشكىللەش ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىنى بېزىدى.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش، ھۆر ، مۇستەقىل شەرقى تۇركىستان دولىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇنىڭ تىنىمسىز كۇرىشىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ئىدى. ئۇ بۇ غايىسىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئارقىسىدا، ئەنە شۇ غايە ئۇچۇن توختىماي كۇرەش قىلىدىغان بىر سەپنىڭ، بىر قوشۇننىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كورسەتتى. مەنمۇ مەرھۇمنىڭ ھاياتىدىن ئىلھام ئالغان، يازمىلىرىدىن روھىمغا كۇچ توپلىغان، ئۇنى ئۇلگە ئالغان، ئۇنىڭدەك بولۇشقا تىرىشقان پائالىيەتچىلەردىن بىرىمەن.
يولدۇشۇم سىدىق ھاجى روزىنىڭ دوستى ۋە ئۇزۇن يىللىق سەپدىشى بولۇشى، خىتاي تۇرمىسىنىڭ ئازابىنى چەكىشتەك ئورتاق نۇقتىمىز، ئارىمىزدىكى سەبداشلىق مۇناسىۋتىمىزنىڭ مۇستەھكەم ۋە ئۇزۇن داۋام قىلىشىغا ۋەسىلە بولغان ئىدى. سائەتلەپ تېلىپونلاردا سوزلەشتۇق، كۇنلەپ داستىخان ئۇستىدە مۇڭداشتۇق، گېپىمىز تۇگىمىدى. ھاياتىدا كوپلىگەن ئەزىيەتلەرنى چەككەن بولسىمۇ، تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرىدا كوپلىگەن مۇشەققەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، مىللىتىدىن شىكايەت قىلمىدى، سەپداشلىرى ئۇستىدىن قاخشىمىدى. دۇچ كەلگەن پۇتۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ ،ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ يىلتىزىنى ھەقلىق ھالدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىدىن كوردى؛ كۈرەش نىشانىنى خىتاتغا مەركەزلەشتۈردى.
مۇھاجىرەتتە تەشكىللەنگەن غوللۇق تەشكىلاتلارنىڭ ، كاتتا پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ياكى قۇرغۇچى، ياكى رەھبەر ياكى پىدائىي بولۇپ رول ئالدى، مەرتىۋە تالاشمىدى، خىزمەت تاللىمىدى.
مەن موھتىرەم ئۇستاز، ئەخمەت ئىگەمبەردىگە ئاللاھتىن رەخمەت، ئائىلە-تاۋابائىتىغا سەۋر- تاقەت تىلەيمەن. مەرھۇمنىڭ روھىي شات بولغاي؛ ئۇنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئاساسىدىكى تەشكىلاتچىلىق روھىي ھەممىزگە ئۇلگە بولغاي.
ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى لىدىىرى
رابىيە قادىر